تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

24 سائەت تىجارەت قىلىدۇ! ئۈرۈمچىدە بىز بارىدىغان ياخشى جايدىن يەنە بىرى كۆپەيدى

   6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى− جياڭلەيچېڭ مەدەنىيەت-سودا-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جياڭلەيچېڭ» دېيىلىدۇ) رەسمىي تىجارەت باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان داكا قىلىدىغان يېڭى يەر بەلگىسىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى.

   جياڭلەيچېڭنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23 مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 45 مىڭ كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋدىكى مەدەنىيەت جەلپكارلىقى كوچا رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، لۇڭچۇەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا، بوغدا يولىنىڭ شىمالىغا، جەنۇبىي ئازادلىق يولىنىڭ غەربىگە، جەنۇبىي لۇڭچۇەن كوچىسىنىڭ شەرقىدىكى 66-نومۇرغا جايلاشقان.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى − جياڭلەيچېڭ مەدەنىيەت-سودا-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

   جياڭلەيچېڭ قۇرۇلۇش تۈرى چوڭ بازاردىكى ئەسلىدە بار بولغان مەززىلىك تائاملار كوچىسى، شىليۇخۇا كوچىسى ھەم تيەنيۈ شەھەرچىسىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، «ساھىبخان بىلەن مېھمان ئورتاق بەھرىلىنىدىغان شەھەر مېھمانخانىسى» بەرپا قىلىشنى ئورۇن بېكىتمىسى قىلىپ، «تۆت چوڭ ئىجادىي كەسىپ ھالىتى + يەتتە چوڭ باش تېمىلىق مەيدان» بوشلۇق ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەممە پەسىلدە، كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش، سەيلە-ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى «كېچىلىك ئىقتىساد»قا تۈرتكە بولىدۇ.

   جياڭلەيچېڭ شىنجاڭ قار لەيلىسى مەيدانى، ئانار دەرىخى مەيدانى، خوتەن قاشتېشى مەيدانى، ئەتلەس مەيدانى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىستىراھەت مەيدانى، يىپەك يولى بازىرى قاتارلىق باش تېمىلىق مەيدانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   جياڭلەيچېڭنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى− شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى تەسىس قىلىپ، ئايروپورتقا ھەم ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا بىۋاسىتە بارىدىغان قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. مۇخبىر نەق مەيداندا ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا C909 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ مودېلى (دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تارماق لىنىيەدە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ARJ21 تىپلىق)نىڭ تىزىلغانلىقىنى، بۇ يەردە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش رايونى بولۇپلا قالماي، يەنە ئازادە بولغان يولۇچىلار ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆردى.

 ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى − جياڭلەيچېڭدىكى شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى.

   شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ مەسئۇلى پاڭ شياۋجۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ساياھەتچىلەرنى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ئايروپىلان بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش، يۈك-تاقلارنى توشۇشقا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق بىر بېكەت شەكلىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئايروپورتقا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاپتوبۇس ۋە مەخسۇس ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ. پاڭ شياۋجۈەن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتىمىز، 7-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز، ۋاقتى كەلگەندە بىز يەنە ئارىلىقتا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا مىكرو ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويىمىز، ئارىلىقتا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئايروپورتتا تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرىدىغان يولۇچىلار مەخسۇس ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ چوڭ بازار قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ھەقسىز بارالايدۇ».

   جياڭلەيچېڭ يەنە «تاۋارلارنى 15 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش»، «مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى سەي تۈرلىرىدىن رازى بولمىسا تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇش» بويىچە ۋەدە بەردى ھەم سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، داڭلىق ماركا كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كەسىپ زەنجىرى بايلىقىنى بىرىكتۈردى.

   ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى− جياڭلەيچېڭ تۈرىنىڭ مەسئۇلى جوۋ لىڭ مۇنداق دېدى: جياڭلەيچېڭ ساياھەتچىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىپ، «ئارىلىقتا توختىغاندا ساياھەت قىلىش»تىن «مەنزىلگاھنى چوڭقۇر ھېس قىلىش»قىچە بولغان كاتتا تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جياڭلەيچېڭ 24 سائەت ئېچىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ داكا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.