تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «1-ئىيۇل» تەبرىكلەندى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ۋەقەلىك ئاساسىدىكى ئۇسسۇل «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى».

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىقلار باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇندىكى رەڭدار پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. كىشىلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئىلھاملاندۇردى.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە:  ئۇسسۇللۇق ناخشا «يىمېڭغا مەدھىيە».

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 700دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئامما ۋەكىلى كېچىلىكنى كۆردى. بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە «ئانار گۈلى ئېچىلدى  قىزىل ئەسلىي مەقسەت نامايان قىلىندى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، تىيانشان رايونىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كوچا باشقارمىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى مەدھىيەلەپ، پارتىيەگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىقلىقىنى ئىپادىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىش جۇشقۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئارتېسلار «شۇ دەۋر، شۇ يىللاردىكى قەھرىمانلار»نى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: «تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ بايراق چىقىرىشنى كۆرۈش» ناملىق كۇەيبەن نومۇرى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: بالىلار «تىيانشاندا ياڭرىغان جىڭجۈ كۈيى · قىزىل ئەسلىمە مەڭگۈ تارقىلىدۇ» ناملىق جىڭجۈ تىياتىرىنى ئورۇنلىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئارتىسلار تېرە قونچاق ئويۇنى ئارقىلىق «پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلغان يۆنىلىش»نى ئورۇنلىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېما كېچىلىكى ئالمىخان تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ سەنئەت ئورنى سېرك ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن سېرك ئويۇنى «ئاۋانگارتنىڭ ئىزدىنىشى».

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

   بۇنىڭدىن باشقا، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)مۇ «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى مول مەزمۇنلۇق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلاپ سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىدى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «1ـ ئىيۇل»نى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلاپ سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىدى.    سۈرەتتە: پائالىيەت نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. 

 ۋاڭ رۇي فوتوسى

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) تۇدۇڭخابا كوچا باشقارمىسى تىنچلىق مەھەللىسىدە «قىزىل قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈپ ئىتتىپاقلىق مۇجەسسەملەندى   ئانار گۈلى ئېچىلىپ قىزىل ئەسلىي مەقسەت نامايان قىلىندى» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقان جۇشقۇن روھىي قىياپىتىنى جانلىق نامايان قىلدى. 

دىليار ئەخمەت فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.