تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى «تومۇر تۇتۇپ»، تېخنىكىنى ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزدى

   ھازىر دەل لازا چۈشىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. باغراش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن بازىرىدىكى بىر لازا ئېتىزىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكى (ئوڭدا) تېرىقچىلىق ئائىلىسىگە لازا چۈشكەن مەزگىلدە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ كۆرۈلۈش قانۇنىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. (باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى گو يۈشۇن، ليۇ يۈ)

يېزا ئىگىلىك تېخنىكى لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

لازىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى، مول ھوسۇلدىن ئۈمىد بار.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.