تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ، 8 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ! ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ھاۋا قاتتىق ئىسسىيدۇ!

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە تېمپىراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ

ھاۋا ئوچۇق ۋە ئىسسىق بولىدۇ

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بىر ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، ھەپتە ئاخىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا دۈشەنبىدىن پەيشەنبە چۈشتىن كېيىنگىچە ئارىلاپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن.

    ھەپتە ئاخىرى ھاۋا ئۆزگىرىدىكەن. يەكشەنبە شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا 7 بالدىن 8 بالغىچە شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىغىچە بولغان جايلاردا 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە ئېگىزدىن نەرسە چۈشۈپ كېتىشكە ھەم ئۆي سىرتى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    تېمپېراتۇرا جەھەتتە، ھەپتە ئاخىرى كۆپ قىسىم رايونلار 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن، شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇستىن 22 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 29 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، ھاۋا ئوچۇق ۋە ئىسسىق بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ۋە سۇ تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىغا نەزەر سالساق

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا

بۇ ھەپتە بىر قېتىملىق ئوتتۇراھال، ئاجىز ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ۋە

بىر قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

    6-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈندۈزدىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى، شىمالى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، شىمالى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

    7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە (جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا 7-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە) تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شەرقىي شىنجاڭدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپىراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى

قىسمەن جايلاردا كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشىدىن

شۇنداقلا تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن كېلىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولغاندا ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش

ھەم ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك 

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.