بۇ يىل، كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات مەنزىرە رايونى «ئىستېرېئولۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرى» ئارقىلىق يايلاق ساياھەت تەسىراتىنى يېڭىلاپ، ئەۋزەل ئېكولوگىيە بايلىقى بىلەن خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قىزىق نۇقتىلىق داكا قىلىش ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. مەنزىرە رايونى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككى يىلغا يېقىن كەسىپ ھالىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئەنئەنىۋى تاماشا قىلىش ئەندىزىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارقىلىق يايلاقنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلغان.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا لەيلەپ ئېقىش تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
سۇ رايونىدىكى خەتەرلىك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان لەيلەپ ئېقىش تۈرى ساياھەتچىلەرنى شىددەتلىك سۇ ئېقىنىدا خۇشال يايرىتىپ، سالقىن دەريا سۈيى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا لەيلەپ ئېقىش تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
ھاۋا بوشلىقىدا، يەلكەنسىمان پاراشۇت تۈرى بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلان تۈرى ساياھەتچىلەرنى باشقىچە كۆرۈش دائىرىسىدە ناراتقا «ئېگىز»دىن نەزەر سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كەسپىي تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساياھەتچىلەر يەلكەنسىمان پاراشۇتتا، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، بىپايان يايلاق، ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتقان دەريا، گىرەلىشىپ كەتكەن كىگىز ئۆيلەرنى قانغۇچە كۆردى. تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا، دۇنيا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چەكسىز كېڭىيىپ، يايلاقنىڭ بىپايان ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى تولۇق نامايان بولدى.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا يەلكەنسىمان پاراشۇت تۈرىنى ھېس قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
قۇرۇقلۇقتىكى مول، كۆپ خىل تۈرلەرمۇ ئوخشاشلا رەڭدارلىققا تولغان. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى پىلانىدىكى لىنىيەنى بويلاپ ئەركىن يۈرۈپ، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىدى؛ پۈتۈن يەر شەكلى موتوسىكلىت تۈرى ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇپ، يايلاقتا ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى؛ ئوت-چۆپ تېيىلىش تۈرى ساياھەتچىلەرگە ئېگىز ئوتلاقتىن ئۇچقاندەك سىيرىلىپ چۈشۈپ، شامالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە گۈركىرەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى؛ ئات مىنىپ سەيلە قىلىش ساياھەتچىلەرنى يايلاق ئوغۇل-قىزلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان دالىدا بەخىرامان سەيلە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يايلاقنىڭ جىمجىتلىقى ۋە ئازادىلىكىنى يېقىن ئارىلىقتا ھېس قىلدۇردى.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا پۈتۈن يەر شەكلى موتوسىكلىتىنى ھېس قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا ئوت-چۆپ تېيىلىش تۈرىنى ھېس قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدا ئات مىنىش تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
نارات مەنزىرە رايونى ئىستېرېئولۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى بەرپا قىلىپ، يايلاق ساياھىتىنىڭ ھېس قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «سەيلە قىلىش + ھېس قىلىش + مەدەنىيەت» بىرىكمە ئەندىزىسى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھىتىنى «داكا قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت»تىن «چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى قاتنىشىش»قا ئۆزگەرتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يازدا مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ناراتنىڭ ئەنئەنىۋى ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئۇنىۋېرسال ساياھەت-ئىستىراھەت رايونىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان.
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن، لو خەنجۈن)