6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 5-بۆلۈمى 103-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى، بۇ تەدبىر جۇجياڭ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان رايونىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، يول بويىدىكى ئاھالىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
103-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7.9 كىلومېتىر، تىجارەت ۋاقتى سائەت 8دىن 22گىچە بولۇپ، لىنىيە شىنخۇا جەنۇبىي يولى غەربىي 1-كوچىسى (بىيۈ خۇاتىڭ ئولتۇراق رايونى)دىن باشلىنىپ، تىيانشان رايونلۇق مەمۇرىيەت ئىشلىرى مەركىزىدە ئاخىرلىشىدۇ. يول بويى جەمئىي 11 بېكەت تەسىس قىلىندى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنخۇا جەنۇبىي يولى غەربىي 1-كوچىسى، جەنۇبىي باغچە، جۇجياڭ شەرقىي يولى (يېڭى تەسىس قىلىنغان)، كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسى (يېڭى تەسىس قىلىنغان) مەدەنىيەت-ساياھەت مەكتىپى (يېڭى تەسىس قىلىنغان)، ئىتتىپاق يولى شىمالىي 4-كوچىسى، شىڭفۇتۈن، داۋان ئاھالىلەر رايونى (يېڭى تەسىس قىلىنغان)، 73-باشلانغۇچ مەكتەپ (يېڭى تەسىس قىلىنغان)، 85-ئوتتۇرا مەكتەپ، تىيانشان رايونلۇق مەمۇرىيەت ئىشلىرى مەركىزى (دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىغا جايلاشقان)دىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى بېكەت يېڭى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ «سىرتقا چىقىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
قاتناش باشلانغان تۇنجى كۈنىلا بۇ لىنىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىتتىپاق يولى شىمالىي 4-كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ چيەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى سىرتقا چىققاندا يىراق يولنى ئايلىنىپ ماڭاتتۇق، بەك قولايسىز ئىدى. ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرالايدىغان بولدۇق، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتى زور دەرىجىدە تېجەلدى، بۇ بەك قولايلىق بولدى!»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 5-بۆلۈمى 41-ئاپتوبۇس ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى يەنلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 103-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە مەكتەپلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-كېلىش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى مال سېتىۋېلىش، داۋالىنىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان يولغا چىقىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىپ، ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ لىنىيەدە قاتناش ئۈچۈن تۆت ئاممىۋى ئاپتوبۇس سەپلەندى. كېيىن ئاپتوبوس ئەترىتى لىنىيەدىكى قاتناش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە ئەمەلىي يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، قاتناش لايىھەسىنى جانلىق تەڭشەپ، مۇلازىمەت ئىنچىكە ھالقىلىرىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئازادە قىلىدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى