− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104 يىللىقى پەيتىدە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، سۈن شاۋلۇڭ، دۇڭ بوتىڭ، شيۇڭ فېڭ
«بىز بىر چوڭ پارتىيە، بىر چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»
قۇرۇلغىنىغا 104 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 75 يىل بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ ئىرادىسىدىن قايتماي، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.
داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتتە مەزمۇت تۈۋرۈك ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.
ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا قاراپ، 99 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 5 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە شەرقتىكى چوڭ دۆلەتكە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، يۈكسەك جاسارەت، مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى»
2025 - يىلى باش ياز مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.
كۆرگەزمە سۇپىسىدا، مىللىمېتىر بىلەن ئۆلچىنىدىغان نەپىس زاپچاسلار، يەنە شامال كۈچى گېنېراتورىغا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ زاپچاسلار بار ئىدى؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا بىلەك تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، تۈرلۈك پارامېتىرلار ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ تۇراتتى.
«ئىلگىرىكى سەرەڭگە، سوپۇن، قاڭالتىر قاتارلىقلارنى سىرتتىن سېتىۋالىدىغان چاغلار»نى ئەسلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بۈگۈن بىز سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۇنيا ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇق» دەپ توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكىنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ يولدا ماڭغىنىمىز توغرا بولدى» دېدى.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يول دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغان داغدام يول.
تارىخىي ھالقىش، دەۋر ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالساق، بىر يەكۈن چەكسىز روشەنلىشىدۇ: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا خەلقنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، «دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش»تىن «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»قىچە، يەنە «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قىچە بولغان ھەيۋەتلىك مۇساپىنى ئاچالايدۇ.
چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان كىشىلەر يىراقنى كۆزلەيدۇ، ئىقتىدارلىق كىشىلەر تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك».
ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، يۈكسەك غايە، قەتئىي ئېتىقاد بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى −
170 نەچچە يىل ئىلگىرى، ماركس، ئېنگېلس ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: كوممۇنىستلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئېزىش بولمىغان، ئېكسپىلاتاتسىيە بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان، ھەممە ئادەم ئەركىن بولغان غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت.
ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىسى، قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا يۈكسەك غايە ۋە قەتئىي ئېتىقادنى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى.
«بىز 1921 - يىلى پارتىيە قۇرۇلغاندا تىكلىگەن ئىرادىمىز بويىچە ئىزچىل ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ قەدەممۇقەدەم جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بولدى.
100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەقىقەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ماركسىزم «ئوق»ى ئارقىلىق جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى قارىغا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھەر قېتىملىق ئىزدىنىش ۋە يول ئېچىش داۋامىدا جۇڭگودىكى باشقا ھەر خىل سىياسىي كۈچلەر تاماملىيالمايدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى.
100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەلبىدىكى يول ۋە ئېتىقاد ئۈچۈن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن خەلقنى يېتەكلەپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان پەلەمپەي بەرپا قىلدى.
ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى، ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە قېتىم - قېتىملاپ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، كۈچەپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى −
6 - ئايدىكى يۇڭدىڭ دەرياسىدا سۇ يۈزىدە نۇر جىمىرلاپ، لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ ھەيۋەتلىك سىيماسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. كۆۋرۈك يۈزىدە ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي تاشلارغا تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاشۇ بىر بۆلەك تەسىرلىك تارىخ ئويۇلغانىدى.
− قوزغال! قوزغال!
80 نەچچە يىل ئىلگىرى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا تاغ - دەريالار قانغا بويالغان، دۆلەت خانىۋەيران بولغانىدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش بۇرغىسىنى باشلامچىلىق بىلەن چېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
«بىپايان جۇڭگو شىددەتلىك دولقۇندا قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالدى؛ كەڭ خۇاشيا زېمىنىدا كىم بۇ ئوتتۇرا ئېقىندىكى مەزمۇت تۈۋرۈك بولالايدۇ؟»
«جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى» «جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرانە جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن پولاتتەك سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىگە تىرەك بولدى.
زامان - ماكان كوردىناتى گىرەلەشكەندە، ئۆزگەرگىنى جەڭ مەيدانى ھالىتى بولۇپ، ئۆزگەرمىگىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش قىياپىتى بولدى.
2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەنلا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى كېچىلەپ ياردەمگە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، ھايات - ماماتتا بەسلىشىپ، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.
قانچە جاپالىق - خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىدى.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش... مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى توپلاپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بىلەن، خەلقنى يېتەكلەپ قاتتىق جەڭلەردە ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، خەۋپ - خەتەرلەرگە بىر - بىرلەپ تاقابىل تۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
مول ئەقىل - پاراسەت، قالتىس ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى −
2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل.
يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش»نى تەلەپ قىلدى.
«بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى».
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىر بەش يىللىق يىرىك پىلان ئارقىلىق، بىز دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتۇق.
ماھىر شاھماتچى ھەمىشە شاھمات ۋەزىيىتىنى ئالدىن ئىگىلەيدۇ، دانا رەھبەر ئومۇمىي جەھەتتىن پىلان تۈزىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ.
«ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلدى، ھەم رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان - ۋەزىپە، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭدىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىكى مۇنداق بىر خىل خىسلەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلار ئۆتمۈشى، ھازىرى، كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي ياخشى پىلانلىغان، ياخشى ئويلاشقان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق كۆرسەتتى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، يۈكسەك ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىلمىي تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئارقىلىق، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىندا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل» بولدى.
ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ».
ھەيۋەتلىك لوۋشەنگۈەن، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چىشۈي دەرياسى. قىزىل مېھىرلىك تۇپراق گۇيجوۋدىكى زۇنيىدا، جۇڭگوچە ۋە غەربچە ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى قەۋەتلىك بىر خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق كىچىك بىنا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
90 يىل ئىلگىرى، زۇنيى يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلغانىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى، پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچ باشلاندى».
تارىخنىڭ تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا نەزەر سالساق، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيمىز: كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى باشتىن - ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى تۈپ ئاساسى بولۇپ كەلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە دانا پىكىرلىكلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرلىرى بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئاجايىپ تۆھپە ياراتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىر قاتار ئىجادىي بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
يادرو دېمەك كۈچ دېمەكتۇر، ئىدىيە دېمەك بايراق دېمەكتۇر.
يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» يېڭى دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە، ئەڭ قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە، ئەڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت يەكۈنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىقى، ئەڭ چوڭ ئىشەنچى، ئەڭ چوڭ كاپالىتى.
«پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك پارتىيەگە ئايلىنىشى كېرەك»
2025 - يىلى 3 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، دىققەت ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر مەيدان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قانات يايدۇرۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى «بىر خىل تازىلاش - رەتكە سېلىش»كە ئوخشىتىپ، مۇنداق تەكىتلىگەن: «بىز ھەر كۈنى چىشىمىزنى چوتكىلاپ، يۈزىمىزنى يۇيىمىز، تازىلىق قىلىمىز، چىنە - تەخسىلىرىمىزنى، كىيىم - كېچەكلىرىمىزنى يۇيىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىش كېرەك».
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، يەنە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە... يېڭى دەۋردىن بۇيان، ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە ھالقىمۇھالقا تۇتاشتۇرۇلۇپ، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇنۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
پارتىيە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشى، باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇشى، ئۆزى جەزمەن باشتىن - ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
«مۇشۇنداق بىر چوڭ پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىدا تۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىنى كونترول قىلىۋاتقاندا، ناھايىتى ئاسانلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىسى شان - شەرىپىنىڭ نۇرىدا، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرگە سەل قارايدىغان، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، <باشقىلار ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئاسان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تەس> ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ.
چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەپ، سەگەكلىك بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ چىقىدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ تاپتى.
− قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ۋىنتىسىنى بارغانسېرى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولدى.
«14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بى جىڭچۈەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ».
2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچ سائەت 8دە، بۇ «بىر جۈملە سۆزلۈك خەۋەر»نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە 5 - ئايدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان موللاق ئاتقان مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر سانى يەتتىگە يەتتى.
ئىككى كۈندىن كېيىن، مەركەز قاتلىمىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى خۇبېي، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىپ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش تىپىك مەسىلىسىدىن ئىككىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
«بەزى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى كەمچىل بولۇپ، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى تېخى ھەقىقىي شەكىللەنمىدى»، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا: بەلگىلىمىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىشكە ئالاقىدار ئادەم ۋە ئىشلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
«قاتتىق بولۇش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي گېنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچ «قاتتىق بولۇش»تا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىردەم باشقۇرۇپ، بىردەم قويۇۋەتمەي، بىردەم چىڭىتىپ، بىردەم بوشاشتۇرۇۋەتمەي، پەقەت ھەقىقىي باشقۇرۇپ ھەقىقىي چىڭىتىپ، دادىل باشقۇرۇپ دادىل چىڭىتىپ، ئۇزاققىچە باشقۇرۇپ ئۇزاققىچە چىڭىتقاندىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق».
پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ھۈجەيرىسى. ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ كۈچى ۋە رولى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا باغلىق، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۈپىتىگە باغلىق، جەزمەن پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.
كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تىزىملاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش، باشقۇرۇش ھەم ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؛
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق ۋە سالماق بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل چىقىرىپ، تەربىيەنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك؛
پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، كەسكىن، ئەستايىدىل بولغان تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنىڭ يىل بېشىدىكى پىلانى، يىل ئاخىرىدىكى باھالاشنىڭ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە ماھىيەتلىك مەزمۇن بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛
...
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى باشقۇرۇشتىن، چىڭىتىشتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ئۆلۈك بۇلۇڭ ۋە بوشلۇق قالدۇرماي، پارتىيەمىزنىڭ چوڭ ھەم بىردەك، چوڭ ھەم قەيسەر، چوڭ ھەم كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
− سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆزلۈك ئىنقىلابى» بىرىكمە تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىش كېرەك.
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش» مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى يىللىق ئون چوڭ قىزىق تېمىلىق سۆز قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
«تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش»تىن «تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش»كىچە، يەنە «تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش»كىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىشىش ئوخشاش مەنبەلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۇتۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىشتىن ئىبارەت تۈزەش شەكلى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
قائىدىنى بىلگەندىلا، تەدبىرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، تەدبىرگە ئېرىشكەندىلا، ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.
دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىدارە قىلىش بىر تۈرلۈك زور، مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىستېمىلىق قاراش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر يۈرۈش ئۆزلۈك ئىنقىلابى «بىرىكمە تەدبىرى»نى يولغا قويۇپ، 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ تۈپ سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى؛ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورالىنى تاۋلىدى؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دادىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتى؛ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت تۈزۈم، قائىدە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى...
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ھەر تەرەپلىمە قاپلاپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ئۇنىۋېرسال كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى روشەن كۈچەيتتى.
− مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى مۇھىت بەرپا قىلدى.
«يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىۋېتىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك»؛ «يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قارا چاپلىنىپ، خاتا ئەرز قىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئورۇنلار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك»...
2025 - يىلى 4 - ئايدا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاك - دۇرۇس ئادا قىلىشىغا دائىر بەلگىلىمە»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى. بەلگىلىمىدە بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى پاك - دۇرۇس ئادا قىلىش بىلەن بىللە دادىل ئىشلىشى، يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ: «مەن ھەم مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، ھەم جانلىق، ئاكتىپ بولغان، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش بولغان، ھەم دېموكراتىيە بولغان، ھەم ئىنتىزام بولغان، ھەم ئەركىنلىك بولغان مۇشۇنداق بىر خىل ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش»نى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، «كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوغداش»نى تەلەپ قىلدى.
ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى قوللاش، ئىسلاھاتچىلارنى قوغداش، ئىزدەنگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىش، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچىلەرگە كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق «ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەرمۇ دانالىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛
ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشى ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلار رەھبەرلىك ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، بىر مەقسەتتە تىرىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلدى؛
بايراق روشەن ھالدا شەكىلۋازلىق تۈزىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى «تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛
...
كادىرلار ئىشلىگۈچىلەردۇر، «ئىشلەش»نى 1 - ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىجرا قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش شىجائىتى، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش غەيرىتى ئارقىلىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، تۆمۈر ئوتتا تاۋلىنىپ پولاتقا ئايلىنالايدۇ. پارتىيەمىز يۈز يىلنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى يۈز يىلنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ قۇدرەتلىك پارتىيەگە ئايلاندى.
«پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئۆز قۇرۇلۇشىغا بۇنداق كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالىغان ئەمەس، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى بۇنداق يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيە، سىستېمىلاشقان ئۇسۇلدا ئالغا سىلجىتالىغان ئەمەس، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى غەلىبە قازىنىش يولى».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئەلا جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقتى، پارتىيەمىز ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولدى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى.
«بوران - چاپقۇنغا قارىماي، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق»
جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالساق، خۇددى غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدىغان تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقانلىقىنى، شاڭخەينىڭ خۇددى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ئەجدىھا بېشىدەك، كۆكتە پەرۋاز قىلىش قىياپىتى بىلەن توسۇۋالغۇسىز ھالدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىگە كېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، شاڭخەينى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا يېتەكلىدى.
شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى دۇنياغا كەلگەن جاي.
2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈردى، «باشلىنىش ئاددىي بولسىمۇ، ئاخىرلىشىش ئاددىي ئەمەس» دېگەن خەتلەر ئالدىدا چوڭقۇر ئويلاندى، غايەت زور پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.
قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلانغاندىلا، ئاندىن قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تارىخ بىلەن كەلگۈسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ يەنە ئاتلاندى.
يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە خەلقنى كۆزلىدى، خەلققە تاياندى −
ئېدگار. سىنوۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى پەيتىدە، بېيجىڭ داشۆ ۋېيمىڭخۇ كۆلى بويىدىكى سىنوۋ قەبرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا يەنئەندە زىيارەتتە بولغاندا، سىنوۋ شىمالىي شەنشىدىكى بالىلارنىڭ قىزىل ئارمىيەنى «بىزنىڭ ئارمىيەمىز» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا، دېھقانلارنىڭ سوۋېت رايونى ھۆكۈمىتىنى تىلغا ئالغاندا ھەمىشە «بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز» دەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانىدى. ئۇ «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى» ناملىق كىتابىدا دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ «خەلقنىڭ پارتىيەسى»نى ھەقىقىي نامايان قىلغانىدى.
خەلق بىلەن مەنپەئەتداش بولغانلارلا خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. «پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزسىلا، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسىلا، ھەممىدە غەلىبە قىلالايدۇ».
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخې شەھىرى لوگۇخې كەنتىدە، ياش پارتىيە ئەزاسى شى شيەنچياڭ خوتۇنى شېن شىن بىلەن «ئەڭ شىمالدىكى ئەر - خوتۇن ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى»دا يىلتىز تارتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن چېگرانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى؛
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ دۇڭشىڭ شەھىرى دۇڭشىڭ بازىرى چىشىڭ مەھەللىسىدە، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار كوچىلارنى ئارىلاپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياشانغانلار كۈچىنى قوشتى؛
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى شەھىرى فېڭچياۋ بازىرى فېڭيۈەن كەنتىدە، پارتىيە تەشكىلاتى چوڭ - چوڭ ئىشلاردا «ئۈچنى يۇقىرىغا يوللاش، ئۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئۈچنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق كەنت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىجادىي ئىزدىنىپ، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق كېڭىشىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق بېجىرىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولدى...
ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، بىرلىكتە ئويلايدۇ، بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.
يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلدى، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلدى −
مۇتلەق تۈز يول بولمايدۇ، ئۆتكەن ئىش قايتىلانمايدۇ. تارىخ ھەمىشە ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولماقتا.
«كۈرەش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۆزلىگەندە بىخەتەرلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاجىزلىق، يول قويۇش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۆزلىگەندە بىخەتەرلىك بەربات بولىدۇ؛ كۈرەش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە تەرەققىيات گۈللىنىدۇ، ئاجىزلىق، يول قويۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە تەرەققىيات چېكىنىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى جاراڭلىق بولدى: «بىز كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشى ئەزەلدىن زىددىيەت، مەسىلە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلەنگەن».
2024 - يىلى 7 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 300 تۈردىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ھەل قىلىش تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا قارىتىلغانىدى.
زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلمىدى، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمىدى، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن «توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت ۋە جاسارەت»كە تايىنىپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشى كېرەك.
ھەم كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، ھەم كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىشلار ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى، بىردەم كۈل رەڭ كەركىدان پەيدا بولسا، بىردەم قارا قۇ پەيدا بولدى. ئۆزگىرىشچان، پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تۆۋەن چەك ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى بولۇشى كېرەك».
ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئېنىق تونۇدى، خەۋپ بىلەن پۇرسەتنى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلىدى.
2023 - يىلى 2 - ئايدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، پارتىيە ئىچىدىكى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ يىراقنى كۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى كۈچلۈك خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئالدىن كۆرەرلىك قابىلىيىتى بولۇشى، يەنى ئوت - چۆپنىڭ يەلپۈنۈپ يوپۇرماقنىڭ شىلدىرلىشىدىن بۇغىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىش، قارىغايلىقتا شامالنىڭ چىقىشىدىن يولۋاسنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىش، بىر يوپۇرماقنىڭ سارغايغانلىقىدىن جاھاندا كۈز بولغانلىقىنى بىلىشتەك قابىلىيەت بولۇشى كېرەك» «كاللىمىزدا بىر پارچە ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى بولۇشى، ئۇنى دائىم تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشىمىز، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە قارىتا ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، جابدۇق ساندۇقىنى تولۇق تەييارلاپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك».
دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، ھەم مۇقەررەر ھالدا كۈرەشكە تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە يۇقىرى - تۆۋەن قەلبداش بولدى، ھەممە بىر نىيەتتە بولدى −
«قىزىل ئارمىيە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.» سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستىدىكى يىخەي ئىتتىپاق تۈزۈش خاتىرە سارىيىدىكى بىر تاختايغا 1935 - يىلى 5 - ئايدا شۇ چاغدىكى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئالدىن يۈرۈش قىسمىنىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ بوچېڭنىڭ يىزۇلار ئاتامانى شياۋ يېدەن بىلەن تەنتەنىلىك ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىدەك ئېسىل داستان خاتىرىلەنگەن.
90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، لياڭشەن تۇپرىقى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتكە كىردى، قاتار - قاتار چوڭ يوللار ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا ئەگرى - بۈگرى سوزۇلدى، قاتار - قاتار ئاھالە ئۆيلىرى تاغ باغرى، سۇ بويىغا جايلىشىپ، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقتى.
پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى كۆتۈرەڭگۈ ۋە روھلۇق بولدى، ئىرادە، ئىشەنچ، شىجائەت مىسلىسىز كۈچەيدى. ھەممە بىر نىيەتتە ئاتلىنىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ توسۇۋالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
2024 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى، «پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» ئىككى مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىندىكى ئورتاق ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى.
چوڭ دەرەخنىڭ ئېگىز ئۆسۈشى يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن كەلگەن؛ بىپايان دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى نۇرغۇن ئېقىننىڭ قوشۇلۇشىدىن كەلگەن.
«بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار چوقۇم ئالدىنقى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى باشلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇشىمىز، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى ياخشى گۈللەندۈرۈشىمىز، مىللىتىمىزنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جاراڭلىق، ۋەزنىلىك بولدى.
تارىخىي مۇساپىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، يۈز يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مۇقەررەر يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)






