تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يەرشارىۋى كەشپىيات يىغىنىنىڭ جۇڭگو رايونى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى 200دىن ئارتۇق ياش، ئۆسمۈر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستاكان جازىسى، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى ئەخلەتلەرنى ئاپتوماتىك تازىلاش ئاپتوموبىلى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەر قۇلۇپى... 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، 20252024-يىللىق ئوقۇش يىلىدىكى يەرشارىۋى كەشپىيات يىغىنىنىڭ جۇڭگو رايونى(قىسقارتىلىپ ICC دېيىلدى) شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىرىدىن كەلگەن 97 كوللېكتىپ، 200دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

20242025-يىللىق ئوقۇش يىلىدىكى يەرشارىۋى كەشپىيات يىغىنىنىڭ جۇڭگو رايونى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، بالىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى نامايان قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن فوتوسى

     بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو دوستلۇق، تىنچلىق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە نەق مەيدانى ھەيۋەتلىك بىر مىكرو تىپلىق «پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى»گە ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەر خىل ئىجادىي كەشپىياتلار كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي لايىھە، ھەم مۇھىت قوغداش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى بار. كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن كۆرگەزمە تاختىسى، نەق مەيداندا كۆرسىتىش ۋە جانلىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، كىچىك كەشپىياتچىلار ئەسەرلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر مەنبەسى، ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى ھەمدە قوللىنىلىش ئىستىقبالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە پۇختا بولغان بىلىم قوللىنىش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.

   

20242025-ئوقۇش يىلىدىكى يەرشارىۋى كەشپىيات يىغىنىنىڭ جۇڭگو رايونى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، باھالىغۇچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ئەسەرلەرنى باھالىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن فوتوسى

     ئىگىلىنىشىچە، ICC مائارىپ مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيىتى(«ئاق تىزىملىك» مۇسابىقىسى) بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجادىيەت، كەشپىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، كەلگۈسىدىكى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، كەشپىياتچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.