تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

مۇبارەك بولسۇن! خۇياڭخې شەھىرى!

    6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، خۇياڭخې شەھىرىنىڭ شياڭيۈنخۇ مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، جۇڭگو «ئەدەبىيات يۇرتى» ۋىۋىسكىسىنى بېرىش مۇراسىمى ۋە 5-نۆۋەتلىك «باياۋاندىكى ئانا» مەدەنىيەت-سەنئەت ساياھەت بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى. 11-نۆۋەتلىك ماۋ دۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ لياڭچېڭ، شۇنداقلا فېڭ شوۋ، خەن تيەنخاڭ قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق يازغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بۇ مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىگە قاتناشتى.

 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، جۇڭگو «ئەدەبىيات يۇرتى» ۋىۋىسكىسىنى بېرىش مۇراسىمى ۋە 5-نۆۋەتلىك «باياۋاندىكى ئانا» مەدەنىيەت-سەنئەت ساياھەت بايرىمى نەق مەيدانىدا، نومۇر ئورۇندىغۇچىلار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى

    جۇڭگو «ئەدەبىيات يۇرتى» جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا ئەدەبىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە يولغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك ئەدەبىيات ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈرى بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرگە مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەدەبىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش مەقسەت قىلىنغان. ۋىۋىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خۇياڭخې شەھىرى مەملىكەت بويىچە 24-«ئەدەبىيات يۇرتى»غا ئايلاندى.

    جۇڭگو «ئەدەبىيات يۇرتى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى 2 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، خۇياڭخې شەھىرىدە 15 ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۇتۇپخانىسى ۋە خەن تيەنخاڭ، ليۇ لياڭچېڭ، لۇ تيەنمىڭ، لى جۈەن، فېڭ شوۋ قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر خىزمەت ئىشخانىسى قۇردى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.