تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئېتىزلىقتىن داكا قىلىدىغان جايغىچە  بۇ كەنت يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى شىفىرىنى يەشتى

6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يۇڭفېڭ بازىرى گۇڭشېڭ كەنتىدىكى تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇڭشېڭ كەنتى «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى بىلەن ئېكولوگىيەنى ھېس قىلىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتتى. بۇ تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 20 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىلگىرىكى نوقۇل تېرىقچىلىق مەنزىرىسى تەدرىجىي ھالدا كەسىپلەر يۇغۇرۇلغان ئورتاق بېيىش يېڭى مەنزىرىسىگە ئايلاندى.      (تىيانشان تورى- شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)

ئىشچىلار تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا ئائىلىۋى مېھمانخانا سالماقتا.

    ​كۆلىمى تەخمىنەن 90 مو كېلىدىغان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى 30 مىنۇتلا كېلىدىغان بۇ سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە گۈل-چىچەك، مېۋە ئۈزۈش رايونى، دالا رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىدىغان يېپيېڭى داكا جايغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.