6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10دا
2025-يىللىق ئۈرۈمچى مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا
تىزىملىتىش يولى رەسمىي ئېچىلدى
شەھەر ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت تەرەپ تىزىملىتىش سۇپىسى
ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ
مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش، شىنجاڭ دالا تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى − 2025-يىللىق ئۈرۈمچى مارافون يۈگۈرۈش ھەم «گۈزەل شىنجاڭنى ئايلىنىش»(ئۈرۈمچى) مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى، 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى(يەكشەنبە) باشلىنىدۇ، مۇسابىقىدە مارافون يۈگۈرۈش، يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش، ئالتە كىلومېتىرغا خۇشال-خۇرام يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 14 مىڭ ئادەم مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پۈتۈنلەي يېڭى مۇسابىقە لىنىيەسى قوللىنىلغان بولۇپ، مۇسابىقە لىنىيەسى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا يۆتكىلىدۇ. ماھىرلار شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، زامانىۋى شەھەر پۇرىقىغا تولغان ئاۋات سودا چەمبىرەكلىرىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىدۇ؛ ئۇزاق تارىخقا ئىگە كونا كوچىلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ شەھەردىكى يىل ئىزنالىرىنى ھېس قىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار مۇسابىقە يولىدا يۈگۈرۈش جەريانىدا، ئۈرۈمچىنىڭ زامانىۋى مودا قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ ھەم ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يەنە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى تەمىنلەش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنىپ، ماھىرلارغا ۋاقتىدا ئېنېرگىيە تولۇقلىنىدۇ.
مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ماھىرلارنى كەسپىي، يېقىشلىق مۇسابىقە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقاردى. مۇكەممەل داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىدىن ئىلمىي بولغان مۇسابىقە تەمىناتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، يەنە خاسلىققا ئىگە مۇسابىقە خاتىرە بۇيۇملىرىنى لايىھەلەشكىچە، ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتتا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇق نامايان قىلىنغان.
تىزىملىتىشتا ۋىيشىن كىچىك پىرۇگراممىسى «Xempower赛事助手»، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىلىرى "善跑体育" "乌鲁木齐马拉松"نى قوشۇۋېلىڭ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى