يېقىندا ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چۇڭچىڭ شەھىرى يوۋياڭ تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خوۋپىڭ يېزىسىدا يامغۇر ياغدى، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇت، تۇمانلار شۇ جايدىكى تاغ ئېتىكىنى قاپلاپ، قاتمۇقات تاغ چوققىلىرىغا ئاجايىپ تۈس قوشتى. ياز پەسلىدە ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىنىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، سالقىندايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

يوۋياڭ ناھىيەسى تۇشى بازىرى تەۋەسىدىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ ئايلانما تاشيولى ئالتۇن رەڭلىك تاڭ نۇرىدا خۇددى ياپيېشىل تاغ تىزمىلىرى ئارىسىغا چېگىلگەن لېنتىدەكلا كۆرۈنەتتى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

قۇياش نۇرىدا، تاغ ئايلانما تاشيولى خۇددى ئالتۇن يىپتەك تاغ باغرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بۈك-باراقسان تاغ ئورمانلىقىدا تارقىلىپ ئولتۇراقىلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، بىر پارچە كۆچمە سەھرا مەنزىرىسىگە ئايلاندۇردى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

يوۋياڭ ناھىيەسى تۇڭگۇ بازىرى شىڭلۇڭ كەنتىدە، شۇ جايدىكى نېلۇپەر گۈللىرى تەدرىجى ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى سۇ يۈزىگە قاتمۇقات يېيىلغان بولۇپ، ئاقۇش ھال رەڭلىك نېلۇپەر گۈللىرى يېنىك ئىرغاڭلاپ تۇراتتى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

يوۋياڭ ناھىيەسى تۇشى بازىرى داشەن كەنتىدە، شۇ جايدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، بوشلۇقتىن قارىغاندا، بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن، كىشىگە يېقىشلىق ئېكولوگىيەلىك سەھرا مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)

ياز پەسلىدە ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىدا سەھەر تۇمانلىرى لەيلەپ يۈرەتتى، بۇلۇتلار لەرزان ئۈزۈپ، ئىنتايىن گۈزەل ياز مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (چېن بىشېڭ فوتوسى)
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى