ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى ياڭرىدى، كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، غايەت زور ئىككى ئالتۇن ئەجدىھا چىملىق يىيىتىلغان توپ مەيدانىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى، 2-نۆۋەتلىك «قەشقەر لوڭقىسى» خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بۇ يەردە باشلاندى. كەلگۈسى يەتتە كۈندە، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالتە U16 ياشلار مەشىق كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل كۇلۇبىدىن كەلگەن تۆت ياشلار مەشىق كوماندىسىنىڭ زاپاس كوماندىسى، جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن ئىككى U16 ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوخشاش بىر مەيداندا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ فوتوسى
تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان پۇتبۇل كوماندىسىدىن تۆتى كۆپەيدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەردىن رۇسىيە كۆپەيدى. مۇسابىقە تاجىكىستان پۇتبول شۆيۈەنى، تۈركمەنىستان گىگانت ئادەم پۇتبول كۇلۇبى، قىرغىزىستان دوردوئى پۇتبول كۇلۇبى، قازاقىستان ئالمۇتا پۇتبول كوماندىسى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت پۇتبول كوماندىسى، رۇسىيە سىبىرىيە پۇتبول كۇلۇبىدىن ئىبارەت چەت ئەلدىكى ئالتە پۇتبۇل كوماندىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، دۆلىتىمىزدىن شەندۇڭ تەيشەن، شاڭخەي شېنخۇا، گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا، بېيجىڭ گوئەن قاتارلىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى تۆت پۇتبۇل كۇلۇبى ياشلار مەشىق كوماندىسىنىڭ زاپاس كوماندىسى ھەمدە شىنجاڭ قەشقەر ۋەكىللەر كوماندىسى ۋە يوپۇغا ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. 12 پۇتبۇل كوماندىسى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جۇڭگو ياش-ئۆسمۈر پۇتبول ماھىرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق تەستە قولغا كەلگەن ئەمەلىي جەڭگە قاتنىشىدىغان چېنىقىش پۇرسىتى ھىسابلىنىدۇ.
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لىڭ جېن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىدۇق. مۇسابىقىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى، ئۇنىڭ تەدرىجىي ھالدا قەشقەردە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۆزبېكىستان تاشكەنت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەركىنوۋ ھەسەنبېك بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن بەك خۇشالمەن، بۇنىڭ بىر گۈزەل كەچۈرمىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. دۆلەتتىن چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەنمىز دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىمىز، كوماندىدىكى ھەممەيلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز».
باشلىنىش مۇراسىمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە 20 مىڭدىن ئارتۇق توپ مەستانىسىنى نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ فوتوسى
20 مىڭدىن ئارتۇق توپ مەستانىسىنى سىغدۇرالايدىغان يوپۇغا ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەيدانى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، تاماشىبىنلار باشتىن-ئاخىر قىزغىن مەدەت بەردى. 72 ياشلىق توپ مەستانىسى ئۇرايىم ئەخمەت مەيداندىكى ھەممە ياشقا مەدەت بېرىپ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئۆزى غەلىبە. رىقابەتچىلىرىمىز ئۆز دۆلىتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياشلار، بىزنىڭ بالىلىرىمىز مۇسابىقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدۇ».
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى