ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى ئۆرۈك كەسپىنى كېڭەيتىش ھەم قەشقەر داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى يېزا-بازارلارنىڭ ئۆرۈكلۈك باغلىرىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇسابىقىسى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. قەشقەر داشۆدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان 90دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چۆكۈش شەكلىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش مۇھىتى، سۈپەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە تەمىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، قەشقەر داشۆنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كوللېكتىپى يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىسار بازىرىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا.
سۈرەتنى يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى ئېرىقلا كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ئۆرۈكلەر شاخلارغا تولۇپ كەتكەنىدى. 14-بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كوللېكتىپى ئۈسكۈنىلەرنى تىكلەپ «يېڭىسار ئۆرۈكى تونۇشتۇرغۇچىسى»غا ئايلىنىپ، يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ ئۆسۈش جەريانى ۋە تەمىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، قىزغىن تونۇشتۇرۇش كۆرۈنۈشتىكى تولۇپ تاشقان شىرنىلىك مېۋىلەرگە ماسلىشىپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئۆيىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى.
بۇ يىل لومپا يېزىسىدىكى يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ مو بولۇپ، 700 توننا ئۆرۈك سېتىش پىلانلاندى. لومپا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى لى چيەن مۇنداق دېدى: «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئۆيىدىكى زاكاز ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، قەشقەر داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي بىۋاسىتە كۆرسىتىش تېخنىكىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىجارەت تەپەككۇرىنى ئېلىپ كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يېڭىسار ئۆرۈكىمىزنى تونۇتتى».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى دېھقانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مۇسابىقىسى پائالىيىتىدە، يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىسار ئۆرۈكى زاكاز تالونىدىن 1800دىن ئارتۇقنى ئىمزالىغان، قەشقەر داشۆنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كوللېكتىپى تۆت سائەت ئىچىدە 4000 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئۆرۈك سېتىپ، سېتىش سوممىسىنى 174 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن.
يېڭىسار ناھىيەسى جۇڭگونىڭ ئۆرۈك كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆستۈرۈش، يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش، قوشۇمچە مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆرۈك كەسپىگە سودىگەر چاقىرىش يىغىنى ئېچىش، قەشقەر داشۆ يېڭىسار ئۆرۈك كەسپى تەتقىقات ئورنى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېڭىسار ئۆرۈكى ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت قەشقەر داشۆنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مۇسابىقىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، يېڭىسارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ سېتىش يېڭى يولىنى ئاچتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى