ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دېڭ پىڭ) 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 16دە ئېلان قىلىنىدۇ، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولدى.
شۇ چاغدا، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (https://www.xjzk.gov.cn)دىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا چىقىپ، باش بەتتىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇرىنى تەكشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن، قولاي ھالدا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرەلەيدۇ.
نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى:
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 15تىن بۇرۇن، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى» سەھىپىسىدىن «توردا تىزىملىتىش»نى تاللاپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش» سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نومۇرى (ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى)، تىزىملىتىش مەخپىي نومۇرى ۋە يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرى بىلەن سىستېمىغا چىقىدۇ. سول تەرەپتىكى ئىستوندىن «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى مەخپىي نومۇرىنى تەكشۈرۈش»نى تاللاپ تەكشۈرسە، ھەمدە شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش مەخپىي نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلەتسە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش» سىستېمىسى نەتىجە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ، تاقىلىش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 15:00تىن 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 20:00گىچە بولىدۇ.
نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپى:
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن «2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، تەرتىپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتى ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئىنكاس قىلىدۇ.
نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) ياكى ئەمەسلىكى، باھالاشتىن چۈشۈپ قالغان- قالمىغانلىقى، كىچىك سوئالدا ئېرىشكەن نومۇرنىڭ ھېسابلانغان- ھېسابلانمىغانلىقى، ھەرقايسى كىچىك سوئاللاردا ئېرىشكەن نومۇر جەملەنگەندىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىگە بېرىلگەن نەتىجە بىلەن بىردەك بولغان- بولمىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزى دۆلەت مەخپىي دەرىجىلىك ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب كارتىسى) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئائىلە باشلىقلىرىغا كۆرسىتىلمەيدۇ. نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە ئىمتىھان قەغىزى قايتا تەكشۈرۈلمەيدۇ، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى، نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدىكى كەڭچىلىك قىلىش، قاتتىق بولۇش مەسىلىسى قايتا تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئەسكەرتىش:
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئائىلە باشلىقلىرى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىش مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، تىزىملىتىش بېتىنىڭ ئاستىدىكى «مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم» دېگەن تۈرنى تاللاپ، مەخپىي نومۇرنى قايتا بېكىتكەندىن كېيىن قايتا تىزىملاتسا ياكى تىزىملاتقان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىستېما باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.