ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دېڭ پىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2025-يىلى شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 16دە ئېلان قىلىنىدۇ، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
شۇ چاغدا، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (swww.xjzk.gov.cn)دىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالىغا كىرىپ، باش بەتتىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇرىنى تەكشۈرۈش»نى بېسىپ، «شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورنىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى