ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2025-يىللىق خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش . 100 كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، سەييارە كېسەل كۆرۈش ئاپتوموبىلىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى بۇرچىن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتىدە، خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت، خەيرى-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا داۋالاش، سەييارە كېسەل كۆرۈش ئاپتوموبىلىدىن 35نى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن 50نى ئىئانە قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا «كۆچمە دوختۇرخانا» يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا يەتكۈزدى. بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان سەييارە كېسەل كۆرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چارۋىچىلىق رايونى، يېزا كەنت ۋە چېگرا رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كېسەللىكلەرنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، ساغلاملىق تەشۋىق تەربىيەسى، جىددىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت، خەيرى-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ھازىرغىچە شىنجاڭغا 140 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، 50 سەييارە كېسەل كۆرۈش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلدى.
شۇ كۈنى 2025-يىللىق «خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش. 100 كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چوڭ تىپتىكى داۋالاشقا ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. 13 كۈن ئىچىدە، بۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتىدە جەمئىي توققۇز مەيدان ھەقسىز كېسەل كۆرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، 2300 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپە بېسىلىپ، 19 مىڭ 362 ئادەم قېتىم ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتوموبىل تاپشۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتوموبىل تاپشۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىئانىگە ئېرىشكەن يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇۋېلىش خادىملىرى ئاچقۇچنى تاپشۇرۇۋالماقتا.

6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىئانىگە ئېرىشكەن يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇۋېلىش خادىملىرى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاساسىي قاتلامغا ئاتلاندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى