ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىلقى «618» مال سېتىۋېلىش بايرىمى دەل شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى، قومۇل قوغۇنى بازارغا سېلىنغان يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە توغرا كەلدى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئۈزۈلگەن مېۋىلىرىنى 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ھازىرغىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى توشۇغان ئاق ئۆرۈك، قومۇل قوغۇنى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 1000 توننىدىن ئاشتى.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ھالقىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ماللارنى توشۇماقتا.
جاڭ سۇڭ فوتوسى
ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ قولايلىق، راۋان بولۇشى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپلا قالماي، پۈتۈن مەملىكەت تاۋارلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. تىيانشاننىڭ سەھەر شەبنىمى چۈشكەن شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى ئايروپىلانغا لىق قاچىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يېتىپ بارغاندا، گۇاڭجوۋنىڭ لىجىسى يېڭى پېتى ساقلىنىدىغان تۆت قەۋەتلىك ئورالما بىلەن ئورىلىپ، 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ھالقىپ، 19 سائەت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماق ئۈستەللىرىگە تىزىلدى؛ خاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرى 24 سائەت ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى قاپلىدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2025-يىلىدىن بۇيان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ پورتتىن كىرىپ-چىققان يۈك مىقدارى 50 مىڭ توننىغا يەتكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى