تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

بېيجىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە، لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدا «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن» تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلدى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، لوپ ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن، خەلق تۇرمۇشى ئىللىق بولغان تەرەققىيات يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

  لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرى

   لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھەممىسى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئاجرىتىلغان. بۇ تۈردە ئاساسلىقى لوپ ناھىيەسىنىڭ بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى 23 كورپۇس زاۋۇت ئۆيىنىڭ ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش پونكىتىغا يانداشتۇرۇلۇپ ئۆلچەملىك تەنھەرىكەت مەيدانى، تەييارلىق ئۆيى ۋە باشقا قوشۇمچە قۇرۇلۇش ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر سېلىنىدۇ ھەم يېڭىدىن 1200 كىۋادرات مېتىرلىق باغچە رايونى قانۇنچىللىق تەشۋىقات-تەربىيە بازىسى قۇرۇلىدۇ. تۈر تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، باغچە رايونىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، ئاممىغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىقات-تەربىيە بازىسى

  لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش پونكىتى 

  شىنجاڭ جىڭپۇ شىشاڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخى

  شىنجاڭ جىڭپۇ شىشاڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.