ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2025-يىللىق «خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش . 100 كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چوڭ تىپتىكى داۋالاشقا ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىگە كەلدى، بۇ، بۇ قېتىمقى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنىڭ 6-بېكىتى.
«خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش . 100 كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلار، ھەتتا تېخىمۇ يىراق جايلاردىكى ئاغرىقلار ئۇلارنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، بالدۇرلا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردى.
تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش، يىراقتىن كەلگەن دېھقان-چارۋىچى ئاغرىقلارنىڭ بىكارغا قاتراپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىدىكى تۆت سائەتنى ئالتە سائەتكە ئۇزارتىپ، جەمئىي 3674 ئادەم قېتىم ئاغرىقنى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، «خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش . 100 كىشى داۋالاشقا ياردەم بېرىش يۈرۈشلۈك» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش كۈندىلىك مۇلازىمەت مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2025-يىللىق «خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش . 100 كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چوڭ تىپتىكى داۋالاشقا ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئاغرىقلارغا ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى
«ئائىلىمىزدىن جەمئىي بەشىمىز كەلدۇق، ئادەتتە سالامەتلىكىمىزدە ئۇنداق ياكى مۇنداق كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، بۈگۈن بېيجىڭدىن مۇتەخەسسىسلەر كەپتۇ، بىزنى تەكشۈرۈپ قويۇشىنى ھەم ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا داۋالىنالايمىز.» 38 ياشلىق دې ئالتىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتۈمدە مونچاق گۆش ئۆسۈپ قاپتۇ، ئانامنىڭ سول بۆرىكىدە يىگىلەش كۆرۈلۈپتۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق، ھەممىسىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتۇق، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت.
58 ياشلىق باۋتاۋا بۇۋا مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن ھەممىمىز كەلدۇق، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئايرىم-ئايرىم ئۆچىرەتتە تۇردۇق، بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساق بولمايدۇ».
40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى 2-چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن ئابۇك چاغان مۇنداق دېدى: «پۇتۇم بەك ئاغرىيدۇ، ھازىر سۈت ساغالمايدىغان بولۇپ قالدىم، بېيجىڭدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بالدۇرلا كېلىپ ساقلاپ تۇردۇم، ئاخىرى كېسەل كۆرسىتەلىدىم، تولىمۇ خۇش بولدۇم».
ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانى تەرتىپلىك بولۇپ، پىدائىيلار ئۇياقتىن بۇياققا ئالدىراش يۈرۈپ، ئاممىنى تەرتىپلىك تىزىملىتىش، كېسەل كۆرسىتىشنى كۈتۈشكە يېتەكلىدى، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ئۇزاق ۋاقىت كۈتۈپ تۇرغان ئاغرىقلارنىڭ تاقەتسىزلەنگەن كەيپىياتىغا تەسەللى بەردى.
بېيجىڭ داشۆ 3-دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى فېڭ خۇي نۇرغۇن ئاغرىقنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ شۇ جايدىكى دوختۇرلارغا ئاممىغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى، كۆپچىلىكنىڭ ساغلام ئوزۇقلىنىشقا، غىزا ئارقىلىق تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكى، بۇنداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
«بىزمۇ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ دوختۇرلارنىڭ بىزنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى، ئۆگىنىشىنى قارشى ئالىمىز، مەنمۇ كۆپچىلىكنى مۇشۇنداق يول بىلەن تەمىنلەشنى ئىنتايىن خالايمەن» دېدى فېڭ خۇي.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىدە، ئۇلار 3674 ئادەم قېتىم ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن، 738 ئادەم قېتىم ئاغرىقنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 273 ئادەم قېتىم ئاغرىقنى يادرو ماگنىتلىق تەكشۈرۈش، CT تەكشۈرۈش، بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش، قاننى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن، 465 ئادەم قېتىم ئاغرىقنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، شىنديەنتۇ، PSA/TCTدا تەكشۈرگەن. 1180 ئادەم قېتىم ئاغرىققا دورا تارقىتىپ بەرگەن، دورا مىقدارى 2268 بىرلىككە يەتكەن، 15 كىشىنى نەق مەيداندا تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى داۋالىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 15كىچە، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 205 ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى