تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاپچال ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەر قۇشلارنىڭ «كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى»غا ئايلاندى

  6-ئاينىڭ 15-كۈنى، چاپچال ناھىيەسىدىكى ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولدى. ئۇزۇن پۇتلۇق ئاق قوتانلار دەرەخ شېخىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى، قىزىل تۇمشۇق چايكا بىلەن قارا باش چايكا سۇ يۈزىدە لەرزان ئۇچۇپ ئوزۇق ئىزدەۋاتاتتى، توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر بىلەن جۈپ-جۈپ قوشماق ئۆردەكلەر دولقۇنلاپ تۇرغان زۇمرەتتەك سۇ يۈزىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى، ھەممىلا يەردە ھاياتىي كۈچكە تولغان تەبىئىي گۈزەللىك نامايان بولغانىدى.

   بۇ سۇلۇق يەر كۆپلىگەن قۇشلارنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش ماكانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۇ بويىدا ئوزۇق ئىزدەپ، بەزىلىرى دەرەخ شېخىدا ئارام ئېلىپ، يەنە بەزىلىرى بالىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال ناھىيەسى سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىتنى كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياۋا قۇشلار ئۈچۈن ياشاشقا ماس كېلىدىغان، تىنچ-خاتىرجەم بولغان تەبىئىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، بۇ جاينى قۇشلار ماكانلىشىدىغان «گۈزەل مەنزىلگاھ»قا ئايلاندۇردى.

   ئېكولوگىيە-مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۇلۇق يەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلىنىپ، ھەر يىلى نەچچە ئون خىل قۇش تۈرىنى بۇ يەردە توختاپ ئارام ئېلىپ، كۆپىيىشكە جەلپ قىلماقتا ھەم تېخىمۇ كۆپ قۇش تاماشا قىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ جايغا كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

(چاپچال ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى يۇڭ خەي، تۇڭ لىرۇڭ، نۇرمانباي)

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.