6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى قۇلىستاي ئوتلىقى سۇلۇق يېرىدە ئاق قۇلارنىڭ ئوينىشىشىنى سۈرەتكە تارتتى، سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە ئاق قۇلار لەرزان ئۈزۈپ، بوينىنى سوزۇپ سايرىشىپ، سۇلۇق يەرگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەلا سۇ سۈپىتى، بولۇق ئۆسكەن ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى قۇشلارنى مول ئوزۇقلۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يەرنى كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان، توختاپ ئارام ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايغا ئايلاندۇردى.






ئاپتور: جاڭ شىنمىڭ
ئاپتورنىڭ ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى