تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خەن خۇڭ فوندى جەمئىيىتى سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىدىن 11 مىڭنى ئىئانە قىلدى شىنجاڭنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2025-يىللىق خەن خۇڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى دوختۇرلارغا سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسى تارقىتىش مۇراسىمى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېمىل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

   بۇ يىل، خەن خۇڭ فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ يېزا -كەنتلىرىدىكى دوختۇرلارغا سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىدىن 11 مىڭنى ئىئانە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆربىلجىن ناھىيەسىگە 190نى ئىئانە قىلدى، مەبلەغ خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئايلىق ئىئانە قىلغۇچىلاردىن ۋە تېڭشۈن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان تورداشلاردىن كەلگەن، بۇ ئىئانە شىنجاڭنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسى چەت، يىراق يېزا-بازارلارنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ كېسەللەرگە دەل جايىدا، توغرا دىياگنوز قويۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەردە ساغلاملىقنى قوغداشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر» ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، خەن خۇڭ فوندى جەمئيىتىنىڭ 2025-يىللىق يېزا-كەنت دوختۇرلىرىغا سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ھەم دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىدىن 190ى ئىئانە قىلىندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

   خەن خۇڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئايلىق ئىئانە قىلغۇچى گۇي فەن مۇنداق دېدى: «مەن 650 مىڭ نەپەر ئايلىق ئىئانە قىلغۇچىنىڭ بىرى، بۇ سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا-كەنت دوختۇرلىرىغا ياردەم بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندە تېخىمۇ مۇكەممەل ئۈسكۈنىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

   ھەر بىر سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسى خۇددى بىر «كۆچمە ئامبۇلاتورىيە»گە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، قاندىكى ئوكسىگېننى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق 24 خىل ئاساسىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ.

   دۆربىلجىن ناھىيە مارالسۇ بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ۋاڭ تۇڭشىن مۇنداق دېدى: خەن خۇڭ فوندى جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، سەييارە كېسەل كۆرۈش ئاپتوموبىلى، سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسى ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، «بۇ ئۈسكۈنىلەر بولسىلا، بىزگە ئوخشاش يېزا-كەنت دوختۇرلىرى يۇرتداشلارغا تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ۋاقتىدا دىياگنوز قويالايمىز ۋە داۋالىيالايمىز».

   بۇ قېتىم دۆربىلجىن ناھىيەسىگە يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىدىن 190ى ئىئانە قىلىندى، بۇ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 12 داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى شۆبە دوختۇرخانىسىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. سانسىز ئىئانە قىلغۇچىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.