
6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى يۇڭشياڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سۆسۈن چېچەكلىك بېدە ئېتىزلىقىدا، چوڭ تىپتىكى ماشىنا توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، تۇنجى ئېڭىز سۆسۈن چېچەكلىك بېدىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يىغماقتا. بۇ يىل، بۇ ناھىيەنىڭ سۆسۈن چېچەكلىك بېدە تېرىلغۇ كۆلىمى 83 مىڭ مو بولۇپ، نۆۋەتتە تۇنجى ئېڭىز سۆسۈن چېچەكلىك بېدە ئومۇميۈزلۈك ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 450 كىلوگىرامغا يېتىدىكەن. □ خۇا يەنمىڭ فوتوسى






