تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ھەيدەپ يۇرتداشلارنى تېرىقچىلىق قىلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تاڭ ئاستا - ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا، شيا مىڭلى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ رۇڭخېڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئىككىيلەن يەنە قىسقا مۇددەت ئىشلەيدىغان بىر قانچە ئىشچى ياللاپ، ئۇلارغا سۇغىرىش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئۆگىتىپ، بۇ يىل ھۆددىگە ئالغان كېۋەزلىكنى تېخىمۇ ياخشى پەرۋىش قىلىپ، كۈزدە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى.

53 ياشلىق شيا مىڭلى بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارىلجىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى، مۇشۇ يىللاردا ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سودىسى ۋە يەر ھۆددىگە ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ياكى يەرگە دائىر مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ھەمىشە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى، شيا مىڭلى ئەزەلدىن باش تارتمايتتى، ياكى ئامال كۆرسىتەتتى ياكى ئۆزى ئېتىز بېشىغا بېرىپ ئەھۋالنى تەكشۈرەتتى.

«مەن كىچىكىمدىن يېزىدا چوڭ بولغان، بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشىم ئاسانغا توختىمىدى. مۇشۇ يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم يۇرتداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ» دېدى شيا مىڭلى كۈلۈپ تۇرۇپ.

1991 - يىلى، شيا مىڭلى دادىسىغا ئەگىشىپ يەر تېرىشنى ئۆگەندى. ئۇ دادىسىغا ياردەملىشىپ يەر ئاغدۇرۇۋاتقان كۈنلەردە، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۇ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ بىر تىراكتور سېتىۋالدى.

1998 - يىلى، شيا مىڭلى يەنە بىر يېڭى تىراكتور سېتىۋالدى ھەم دادىسىغا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇش مەسلىھەتىنى بەردى. بىراق، ئەينى چاغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى قاتمال بولۇپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا قارىتا كۆڭلىدە ئەندىشىسى بار ئىدى، بۇ ئاتا - بالا ئىككىيلەننىڭ ئويى ئاخىردا ئىشقا ئاشمىدى.

2001 - يىلى، شيا مىڭلى ئاتا - ئانىسىنى قايىل قىلىپ، بارلىق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، يەنە بىر چاقلىق تىراكتور سېتىۋالدى. بۇ تىراكتوردا مەشغۇلات قىلىش قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئېتىز مەشغۇلاتى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۇ بىر يىلدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

بۇ كىرىم شيا مىڭلى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى: ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋالغاندا ئالغان قەرزىنى قايتۇردى، كونا ئۆيىنى يېڭىلىدى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تولۇقلاپ سېتىۋالدى. بۇ يەنە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرىنى تايانچ قىلىپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن مەشغۇلات ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بارغانسېرى چىڭىتتى.

2014 - يىلى، شيا مىڭلى بىلەن كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئاھالىلىرى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلدى. ئۇ ئالتە تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ، پاختا يىغىش ماشىنىسى ۋە يېڭى تىپتىكى يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىكى ئېتىزلاردا تېرىقچىلىق قىلىش، يىغىۋېلىش بويىچە زاكاز قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى. كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شيا مىڭلى بىر تەرەپتىن يەر ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەتنى كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرى سېلىنمىسىنى كۆپەيتتى. 2022 - يىلى شيا مىڭلى ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن 8000 مو يەر ھۆددىگە ئېلىپ، 50 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز يەرلىرىمىزنى شيا مىڭلىنىڭ كوللېكتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردۇق، مەن پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ پاختا يىغىش زاكازىنى قوبۇل قىلدىم، خوتۇنۇم ئوبوروت قىلىپ بەرگەن يېرىمىزدە ئىشلەيدۇ، يىل ئاخىرىدىكى تەقسىملەپ بېرىلگەن پايدىنى قوشقاندا، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن» دېدى شارىلجىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى لو شياۋبىڭ.

بۇلتۇر، شيا مىڭلى ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ھۆددىگە ئالغان يەرنى 20 مىڭ موغا كېڭەيتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەنتتىكى 100گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«ئۆزى بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىللە پۇل تاپقاندىلا ئاندىن ھەقىقىي بەختلىك بولغىلى بولىدۇ.» شيا مىڭلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنى تۇرمۇشىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.