ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −
ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
«ئۆگىنىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش، «تەكشۈرۈش» ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تېگىش قىلىش، «تۈزىتىش» ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشتە ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىنى كۆزلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلدى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساھەسى بويىچە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كونكرېت ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. «خەيرىيەت بايلىقى + كەسپىي مۇلازىمەت + مەھەللە مەدەت بېرىش»تىن ئىبارەت ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللاپ، خەيرىيەت تۈرلىرى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى تۈجۈپىلەشكەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش بويىچە ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش»نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى؛ مەھەللە كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى ياشانغانلار ئاشخانىسىنىڭ «مەركەزلىك تاماق يەتكۈزۈش + ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش» مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى ئىناۋەت ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «مەخسۇس تۈر ئىناۋەت دوكلاتىنى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنىڭ بار - يوقلۇق ئىسپاتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. «ئىناۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ)» تور بېكىتى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مەخسۇس رايونىغا تايىنىپ، قانۇنىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارغا يۈزلىنىپ، 24 سائەت ئىشتىن چۈشمەيدىغان مەخسۇس تۈر ئىناۋەت دوكلاتىنى ھەقسىز سۈرۈشتۈرۈش - چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، «بىر پارچە دوكلات»نى «بىر دۆۋە ئىسپات»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناۋەت مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولايلىق قىلدى.
ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە قانۇن بىلىملىرى بويىچە بىر قېتىم ئىمتىھان ئالدى، بىر قېتىم پاكلىق سۆھبىتى تەشكىللىدى، بىر قېتىم ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆردى، بىر پارچە پاكلىق سالام خېتى ئەۋەتتى، بىر پارچە پاكلىق ۋەدىنامىسى ئىمزالىدى، بىر قېتىم پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. باغراش ناھىيەسى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى تەربىيەگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن «ئالتە بىر» ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇنقى پاكلىق تەربىيەسى يۈرۈشلۈكى تۈزۈپ، ئۇلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشتىكى «بىرىنچى تۈگمە»نى ياخشى ئېتىشتە سەگەك بولۇشقا يېتەكلىدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى مەۋقەنى ساھە ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. مەمۇرىي تەستىقلاش، مەبلەغ ئاجرىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىغا چىڭ قادىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىش ئورنىدا پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، سىستېما ئىچىدىكى تىپىك مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، توققۇز مەيدان قېتىم ئىبرەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەھەر قاتنىشى مەسىلىسىگە قارىتا، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچ تەشكىللەپ 45 جايدىكى بۇزۇلغان يول، 18 جايدىكى كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش سىگنال چىرىغىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى قولايلىقلىق دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.
ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئەڭ ئاخىرىدا ئامما ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىشى، ئاممىنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك.
مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى، ئانا - بالىلار ئۆيىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش، ۋاقىتنى سۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلىدى، «ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار» قاتارلىق كىشىلەر توپىغا يېشىل يول ئېچىپ بەردى... پىچان ناھىيەلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدار - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» قاتارلىق خەلققە قولاي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرىش ماتېرىياللىرىنى %30 ئىخچاملاپ، تەستىقلاش قەرەلىنى %50 قىسقارتىپ، «ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش» كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە ياردەم قىلدى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى قولايلىقلىق دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئىستىلنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە «پارتىيە ئەزالىرى - ئامما <يېڭى بولۇش>قا قاراپ يۈرۈش قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش <سەپىرى>گە بىرلىكتە ئاتلىنىش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئورگان كادىرلىرىنى ۋەيمەي توشۇغۇچى بولۇپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ھېس قىلىپ بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى.
ئىككى سائەتتە 16 زاكازلىق ۋەيمەينى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، جەرەنبۇلاق رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ خاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر مەسىلىلەرنى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپرەك سىياسەت قاتلىمىدىن ئويلىشاتتىم. بۇ قېتىم بۇ كەسىپنىڭ جاپاسىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم». پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە «مەن ۋەيمەي توشۇغۇچى ياشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ناملىق پىكىر - تەكلىپ ئېلىش يولى ئېچىلىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە تەكلىپلىرى ھەر ۋاقىت توپلىنىپ، مەسىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، تەدبىر تۈزۈپ تۈزىتىلىپ، مۇلازىمەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.
ئات ئۈستىدىكى «كۆچمە مۇلازىمەت پونكىتى» خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇردى. ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى دىققەتنى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولۇش، يول يىراق بولۇش، قاتناش قولايسىز بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىلتىماس - تەلەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىدا قېلىش، ماجىرالارنى ھەل قىلىش راۋان بولماسلىق قاتارلىق قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئادەمگىچە ھۆددە ئېلىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش، قەرەللىك قايتما زىيارەت قىلىش» يېپىق ھالقىلىق مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىق كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، كۆچمە مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قەرەللىك بېرىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، خالىس دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، ئىش ئورۇنلىرىنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چارۋىچىلار ئۈچۈن تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋالدى، يايلاق كۆچۈشتە ئۇلارنى قوغداپ ئاپىرىپ قويدى، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان قىلدى.






