□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ كۈسەن تار كوچىسىدىكى ئويۇن قويۇش ھويلىسىدا، بىر ئۇيغۇر بوۋاي راۋاب بىلەن تەڭكەش قىلغاچ، جىڭجۈ تىياتىرى «شاجياباڭ»دىن ئارىيە ئېيتتى، يېنىدىكى خەنزۇ يىگىت توغرا ۋە ئېنىق تەلەپپۇزدا جور بولۇپ ئېيتتى. بۇ ئىككىيلەن 61 ياشلىق پەرھات ئىمىن بىلەن 25 ياشلىق جاڭ كەيگۇڭ بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ بىرلىكتە ئويۇن كۆرسىتىشى بۇ جايدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.
پەرھات كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ساماۋار ئۇسسۇلىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى؛ جاڭ كەيگۇڭ كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى. ئۇ ئىككىسى 30 نەچچە ياش پەرقلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما سەنئەتكە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشى ۋە چوڭقۇر بولغان مىللەتلەر دوستلۇقى ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ كۈسەن يېڭى كۈيىنى ئورتاق ياڭراتتى.
شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن شەندۇڭلۇق يىگىت جاڭ كەيگۇڭ 2022 - يىلى ئاساسىي قاتلامدىكى تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئويۇن قويغىلى كەلگەن پەرھات بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ پەرھات تەييارلىقسىزلا ئېيتقان جىڭجۈ تىياتىرىدىن ئارىيەگە مەپتۇن بولۇپ، ھاياجېنىنى باسالماي جور بولۇپ ئېيتىشقا باشلىدى.
«چېگرا رايوندا جىڭجۈ تىياتىرىغا شۇنچە ئىشتىياق باغلىغان ئۇيغۇر تاغىنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» جاڭ كەيگۇڭ تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە يەنىلا ھاياجېنىنى باسالماي قالدى. شۇ كۈنى، ئىككىيلەن بىللە ئولتۇرۇپ جىڭجۈ تىياتىرىدىن كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىغىچە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىچە ئۇزاق پاراڭلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسى كۆپلەپ ئالاقە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىشنى باشلىدى، پەرھات جاڭ كەيگۇڭغا راۋاب چېلىشنى ئۆگەتتى، يەنە ساماۋار ئۇسسۇلى ماھارىتىنى ئۆگەتتى.
پەرھات پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «شياۋجاڭ مېنىڭ بىردىنبىر خەنزۇ شاگىرتىم، ھازىر ساماۋار ئۇسسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىيالايدۇ».
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئىككىسى تونۇشۇشتىن سىردىشىشقىچە، يەنە ھەممە گەپنى دېيىشىدىغان قەدىناس دوستلارغا ئايلىنىشقىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ۋە لېكسىيە سۆزلەش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.
ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىگە بىللە قاتنىشىپ، ياخشى ماسلىشىش ۋە قالتىس ماھارەت كۆرسىتىشكە تايىنىپ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۇلار دائىم بىللە ئويۇن قوياتتى، بەزى نومۇرلارنى تەييارلىغاندا، پەرھات مۇزىكىسىنى ئىشلىسە، جاڭ كەيگۇڭ تېكىستىنى يازاتتى، ئىككىسى ياخشى ماسلىشاتتى.
2024 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قۇربان ھېيتلىق كېچىلىكىدە، ئىككىسى يېڭىلىق يارىتىپ ئورۇنلىغان «ھەقىقەتەن ئوخشايمىز بىر جۈپ قېرىنداشقا» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. پەرھاتنىڭ ساماۋار ئۇسسۇلىغا جاڭ كەيگۇڭنىڭ راۋابى تەڭكەش قىلىنغان، ئارىسىغا ئىككىسى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئېيتقان ناخشا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالتىس ئويۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.
«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بويىچە كۆرسىتىلگەن نومۇرغا نەزەرىيە لېكسىيەسىنى سىڭدۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ئاجايىپ ياخشى بولدى.» 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جاڭ كەيگۇڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان خاتىرە دەپتىرىنى ئاچتى، ئۇنىڭغا 500 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاسلار زىچ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، شايار ناھىيەسىدىكى بىر قېتىملىق سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە، ئەمەت ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بوۋاي راۋان بولمىغان پۇتۇڭخۇادا جاڭ كەيگۇڭ چالغان راۋابقا ئەگىشىپ «كاككۇكگۈل» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى ھەم پەرھاتقا مۇنداق دېدى: «سىز بۇ سازنى ئاخىر بۇلبۇلدەك ناخشا ئېيتالايدىغان بىر يىگىتكە تۇتقۇزۇپسىز».
ئىككىسى «لېكسىيە سۆزلەش + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا چىقاردى. پەرھات «كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچ خەتلىك دەستۇرى» ناملىق كۇەيبەننى ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى، جاڭ كەيگۇڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مىكرو دەرسخانىسى ئاچتى، كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسىدىكى قىزىل ئىزنالار سارىيىدا، ئۇلار ئورتاق پىلانلىغان چۆكۈش شەكلىدىكى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
«جاڭ كەيگۇڭنى ئوغلۇمدەك كۆرىمەن.» خانىقاتام يېزىسى ئۇزۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن ھىمىت جاڭ كەيگۇڭنى تىلغا ئالغاندا كۆز چاناقلىرى نەمدەلدى، جاڭ كەيگۇڭ ئۇنىڭ بالىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى . ئانارنىڭ دانىسى كىچىك دەرسخانىسى»نى تەشكىللىدى، بۇنىڭ بىلەن 200دىن ئارتۇق ھەر مىللەت بالا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئامراق بولۇپ قالدى.
لەندۇن خالىس ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەرھات چارلاش ئېلىپ بارغان چاغلىرىدا ھەمىشە جىڭجۈ تىياتىرىنى غىڭشىپ ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ جاڭ كەيگۇڭ رىياسەتچىلىك قىلغان «دېھقانلار كەچلىك كۇرسى»دا، راۋابنى تەڭكەش قىلىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىتىدۇ. كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى شېن شياۋگۇڭ قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ بىرى ئۇسسۇل ھەرىكىتى، بىرى ناخشا ساداسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى <قوش كىشىلىك ئۇسسۇل>غا ئايلاندۇردى».
شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ بىر جۈپ ھەمراھلار تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سەھەردە، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى مەيدانىدا پەرھات شاگىرتلىرىنىڭ ساماۋار ئۇسسۇلىنى رېپېتىتسىيە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ كەچقۇرۇن كۈسەن تار كوچىسىدا پەرھات بىلەن جاڭ كەيگۇڭ يەنە ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.
«بىز جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى ئەڭ ھەقىقىي كۈسەن مەدەنىيىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى پەرھات ئامراق راۋابىنى سۈرتكەچ. ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان راۋاب بىلەن تەڭكەش قىلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ھازىرغىچە 60 نەچچە مەيدان قېتىم ئورۇنلاندى.
يېزا سەھنىسىدىن لېكسىيە سۆزلەش مۇنبىرىگىچە، مەھەللە مۇلازىمىتىدىن مەدەنىيەت - ساياھەتنى كېڭەيتىشكىچە، بۇ بىر جۈپ «قەدىناس ھەمراھ»لار سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى كۈسەن يېڭى كۈيىنى پۈتمەكتە. بۇ دەل جاڭ كەيگۇڭ لېكسىيەدە دائىم سۆزلىگەندەك: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش بىر - بىرىمىزگە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپ، بىر - بىرىمىزگە جور بولۇپ شىچۈ ئېيتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تەبىئىي يېتىلگەن ھېسسىيات».