تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يادرولۇق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىدا، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بوئىن B738 تىپلىق پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئاق ئۆرۈكلەرنى لىققىدە قاچىلىغان ھالدا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، بېيجىڭ داشىڭ ئايرودۇرۇمىغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يادرولۇق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ھاۋا يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇنىڭدا، شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى شىنجاڭ ئىچىدە ئەڭ تېز بولغاندا ئەتىسى، شىنجاڭ سىرتىدا ئەڭ تېز بولغاندا كۈن ئاتلاپلا خېرىدارلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

ئاق ئۆرۈكنىڭ ئاسان زېدە بولۇش، ئەنئەنىۋى ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرى ئۇزۇن بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ يىل جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈشكە دائىر ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. تۇنجى قېتىم كۆچمە ئايرىش ماشىنىسىنى ئاق ئۆرۈك چىقىدىغان جايغا ئاپىرىپ، ئالدىن ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردى __ 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرىدا كۆچمە ئايرىش ماشىنىسى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭدا بىر سائەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە توننىدىن ئارتۇق ئايرىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇ، سۈرئەتنى ئۈچ ھەسسە تېزلىتىپ، ئېتىز بېشىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايرىش، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت بېكىتىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ««ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»دىكى يۆتكەش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

ئاق ئۆرۈكنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا بالدۇر پىشىش، شىمالىي شىنجاڭدا كېچىكىپ پىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، بۇ يىل جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈركۈمگە ئايرىپ دەل جايىدا تەڭشەپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا شۇ جاينىڭ بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر بىر تۈركۈم يېڭى ئۆرۈكنى شىنجاڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك چىقىرىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يادرولۇق شەھەرلەرگە 48 سائەت ئىچىدە ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تىجارەت كاپالىتى قاتلىمىدىن، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى كۆپ خىل مۇداپىئە تورى بەرپا قىلغان: بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى، چېدىر يېزىسى قاتارلىق يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس يىغىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، قىسقا مۇساپىلىك مال توپلاشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرغان؛ ئاق ئۆرۈكنىڭ مەخسۇس ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ئورالمىسىنى لايىھەلەپ، ماس كېلىدىغان كاۋچۇك سېۋەت بىلەن توشۇپ، توشۇش سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتكەن؛ خېرىدارلار مۇلازىمىتى بويىچە مەخسۇس تۆلەم بېرىش يولى تەسىس قىلىپ، تېز سۈرئەتلىك سېتىشتىن كېيىنكى كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئۆرۈكنىڭ سۈپىتىنى ھەر تەرەپلىمە قوغدىغان.

«بۇ يىل بىز <پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى + كۆچمە ئايرىش ماشىنىسىنى مەھسۇلات بار جايغا ئاپىرىش> شەكلى ئارقىلىق، ئاق ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئاق ئۆرۈكنى شىنجاڭدىن يۇقىرى سۈپەتتە چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بازارغا كىرىش يولى بەرپا قىلىمىز.» تۇنجى پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى قاتناش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ شىنجاڭ تېز يوللانمىسىغا ئالاقىدار كەسپىي مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى سىجىل تۈردە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭى، سوغۇق مەھسۇلات تۈرلىرىنى تېز كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ تەمى» نى يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.