□شىن شىجيەن
قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ توكىنى 2260 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈپ، غەربىي شىمالنىڭ شامال، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غەربىي جەنۇبتىكى تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتتى، بۇنىڭغا پەقەت يەتتە مىللىسېكۇنت ۋاقىت كەتتى! بۇ، يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ياراتقان مۆجىزە، بۇ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى.
«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، قومۇلنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش، پاكىز ئېنېرگىيەنى كەڭ دائىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چۇڭچىڭنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تايانچ. 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشتىن، ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكىچە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆز بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جۇشقۇن قۇۋۋەت قوشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، مىسلىسىز تەرەققىيات مەنزىرىسى نامايان بولدى.
بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى، مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە ئۆلكىدە «شىنجاڭ توكى» ئىشلىتىلدى... دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ بازا، بىر لىنىيە» ۋە مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق» ئارىسىدا ساقلانغان مول ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېنېرگىيە بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتكەندىلا، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قومۇل − چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئالساق، بۇ قۇرۇلۇش كۆپلىگەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايوننىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدۇ؛ چۇڭچىڭنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ شىنجاڭدىكى پاكىز ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە كەڭ دائىرىدە تەقسىملەپ ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ. ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپى غەربىي قىسىم رايونىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ خاس كەسپى، ئەۋزەل كەسپى، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، جەزمەن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا رايون خاسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈشى يەنە تۈر سېلىنمىسىنى كېڭەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىن شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكىچە، يەنە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشكىچە، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىققەت ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى − «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇش» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن قۇرۇلۇش، يەرلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇش، ھازىرغا پايدىلىق بولغان، كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇشتۇر.
«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان باركۆل بىلەن ئارىلىقى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چاقىلىقتا، ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ توك مەنبەسى تۈر قۇرۇلۇشى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ، ھەيۋەتلىك «شىنجاڭ توكىغا دائىر بايانلار» شىنجاڭ تۇپرىقىدا نامايان بولماقتا. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.






