تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

يەكەن ناھىيەسىدە 85 مىڭ مو يەردىكى سەبدەرگۈلدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى «ئالتۇن رەڭلىك كەسىپ» خەلقنى بېيىتىش يولىنى ئاچتى

   باش يازدا، يەكەن ناھىيەسىدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقتا، 85 مىڭ مو يەردىكى سەبدەرگۈل بەس-بەستە ئېچىلىپ، خۇددى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشاپ قالغانىدى، گۈل دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، «مولچىلىق» مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

   6-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىدا، تۇتاش كەتكەن سەبدەرگۈل مەيىن شامالدا يېنىك ئىرغاڭلىماقتا ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، پىشقان ھۈنىرى بىلەن گۈللەرنى ئۈزۈپ، ئۇلارنى خالتىغا قاچىلىدى، ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

   قوشئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان تۇراپ مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئون مو يەرگە سەبدەرگۈل تېرىدۇق، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 1.2 يۈەن بولدى، مۇشۇ بويىچە بولغاندا، كىرىمىمىز بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلىنىدۇ.»

   جۇڭخۇا سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قوشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى سۈن كې مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنتىمىزدە سەبدەرگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 700 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 200 مو كۆپەيدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم تېرىشى ئۈچۈن، بىز دېھقانلارنى ھەر مو يەرگە 75 يۈەن ياردەم پۇل بىلەن تەمىنلەپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى 150 يۈەن ئەتراپىدا كونترول قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەبدەرگۈلنىڭ يىغىش مەزگىلى بەش ئايغا يېتىدۇ، دېھقانلار يىغىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.»

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سەبدەرگۈلنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشتىن سېتىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. چېنگۇاڭ بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق ۋە كەسپىي تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلدى.

   يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لىن تاۋ مۇنداق دېدى: «يېزا بويىچە بۇ يىل سەبدەرگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 5520 موغا يەتتى، بىز ئىلمىي تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 4-3 توننىغا، مو بېشى كىرىمىنىڭ 4000-3000 يۈەنگە يېتىشىنى مۆلچەرلىدۇق. سەبدەرگۈل كەسپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.»

(يەكەن ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خەن ياۋېي)

مەنبە: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.