【شىنجاڭ ئالبومى】

15 - تۇەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن

ساۋما قىلىپ سىننى كۆرۈڭ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي
سۈرەت گەرچە سارغىيىپ كەتكەن، كۆرۈنۈش غۇۋالاشقان، سۈرەت يۈزى ئالا - بۇلا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 76 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ بوران - چاپقۇنلۇق تارىخنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
قۇم - بوران ھىدى يىللاردىن ھالقىپ يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتتى. سۈرەتتە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ 1 - بىڭتۇەن 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەنىدىكى 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر مىلتىق ۋە يۈك - تاقلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، ئوتلۇق نەزەرىنى يىراقلارغا تاشلاپ، قەتئىيلىك بىلەن «ھالاكەت دېڭىزى» − تەكلىماكان قۇملۇقىغا قاراپ قەدەم ئالغانىدى.
بۇ چاغدا، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىش تاڭ نۇرى ئەمدىلا يورۇغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي خوتەن ئاسمىنىنى بىردىنلا سوغۇق ھاۋا قاپلىدى. مەغلۇپ بولۇپ بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن گومىنداڭ قالدۇق قىسىملىرى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خوتەندە قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش غەرىزىدە بولدى. 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئىنتايىن مۇھىم جىددىي تېلېگرامما ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى − ئەمدىلا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن، ئۈستبېشىدىكى چاڭ - توزانلارنى قېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن 15 - تۇەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەم ئارام ئالمايلا، «بىپايان قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەنگە يۈرۈش قىلىش» ھەربىي بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئاقسۇدىن خوتەنگە بارىدىغان ئىككى يولنىڭ بىرى تاشيولنى بويلاپ نەچچە مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان تۈپتۈز يول، يەنە بىرى «ھالاكەت دېڭىزى»نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان خەتەرلىك يول ئىدى. ئالدىدىكى يولنى بېسىپ بولۇشقا 50 نەچچە كۈن ۋاقىت كېتەتتى، كېيىنكى يولنى بېسىش «بارسا كەلمەس» تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن يۈزتۇرا كۈرەش قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. توپىلاڭ يۈزبېرىشتىن بۇرۇن دۈشمەننىڭ گېلىنى بوغۇش ئۈچۈن، 15 - تۇەن بۇ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دىن كېسىپ ئۆتۈشنى قەتئىي تاللىدى. ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت يۇرتداشلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئاق نان، 100 چېدىر، 300دىن ئارتۇق تۆگە ۋە 200دىن ئارتۇق ئات (ئېشەك) يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى، يەنە پېشقەدەم ئوۋچىلار قۇم دېڭىزىغا ئاتلىنىپ يول باشلىدى. 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قورال - ياراغ، ئوق - دورا، گۈرجەك، تالقان ۋە يۈك - تاقلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، ھەر بىرەيلەن 70 جىڭغا يېقىن نەرسىنى كۆتۈرۈپ، ئەزەلدىن يول بولمىغان بىپايان كۆچمە قۇم دېڭىزىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.
سۈرەتتە خاتىرىلەشكە بولمىغىنى شۇكى، قۇم - بوران چىققاندا يەر - جاھان قاراڭغۇلىشىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆچمە قۇم ئارىسىدا قالاتتى، پەقەت سەپداشلىرىنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، قارا بوراندا قەيسەر قۇم ھەيكەلگە ئايلىنىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى؛ ئۇسسۇزلۇقتىن گاللىرى قۇرۇپ پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتكەندە، جەڭچىلەر چىنىلىرىنى تاراڭشىتىپ كۇەيبەر ئېيتىپ جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتاتتى، ئەمما كۆپچىلىك مىيىقىدا كۈلۈش ئۈچۈنمۇ چاك - چاك يېرىلىپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى تەستە ئاچاتتى؛ ئاشقازىنى ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتكەن 2 - ليەننىڭ پەيجاڭى لى مىڭ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، جەڭچىلەرنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ!» دەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ قىسىمدا قېپقالدى. قۇم - بوران قۇترىغاندا، ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ سەپداشلىرىنىڭ ئايىغىنى يامىدى، سۇ توشۇدى، ئاخىر قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا دەپنە قىلىندى. سېرىق قۇمدا لاتا خەيلىرى ئۇپراپ تېشىلىپ كەتكەندە، جەڭچىلەر پارچە لاتىلار بىلەن چىڭ چىگىۋالدى؛ پۇتلىرى قانغا بويالغاندا، چىشىنى چىشلەپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلدى. سوغۇق كېچىدە، چېدىر شامالدا ئىرغاڭلايتتى، گۈلخان ھارغىن، ئەمما قەيسەر چېھىرلەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ، پۇتىدىكى قاپارتمىلارنى تېشىپ يىرىڭ ئاققۇزۇۋاتقان، ئاياغلىرىنى ياماۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ سىيماسى ئىدى.
18 كېچە - كۈندۈزنى باشتىن كەچۈرۈپ، 750 كىلومېتىردىن ئارتۇق خەتەرلىك يولنى بېسىپ ئۆتتى، 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مۆجىزە ياراتقان بۇ قوشۇن ئاخىر «ھالاكەت دېڭىزى» ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، خۇددى جەڭگىۋار قوشۇن ئاسماندىن چۈشكەندەك خوتەن شەھىرى ئەتراپىدا پەيدا بولدى. 40 جەڭچىدىن تەشكىللەنگەن ئاتلىق قوشۇن ئالدى بىلەن شەھەرگە كىردى، تۆمۈر قەدىمى مەردانە ۋە كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ ئۇچقاندەك چېپىپ، ئاجايىپ زور قۇدرىتى بىلەن باندىتلارغا ھەيۋە كۆرسەتتى. خوتەندىكى 40 مىڭ ھەر مىللەت پۇقرا شەھەردىن چىقىپ، سويۇپ تەييارلىغان قوي گۆشى، ھارارەت بېغىشلايدىغان ئاياغ - پايپاق، يەنە كوئېنلۇن تېغىنىڭ تاتلىق بۇلاق سۈيى قاچىلانغان قاپاقلارنى ئېلىپ، خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەن قۇم دېڭىزى قەھرىمانلىرىنى كۈتۈۋالدى. 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى مۇنداق تەقدىرلەپ ئىلھام بېرىش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى: 15 - تۇەن خوتەنگە كىرىپ ئورۇنلىشىشتا، «قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپ، سەپەر ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەربىي يۈرۈش رېكورتىنى ياراتتى... جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، غەلىبىلىك ھەربىي يۈرۈش قىلغان شەرەپلىك جەڭچىلىرىمىزگە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!»
ئىس - تۈتەكلەر تارقالدى، يېڭى بۇرچ يۈكلەندى. 15 - تۇەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر: «15 - تۇەن خوتەنگە ئورۇنلىشىدۇ، قەتئىي يۆتكەشكە بولمايدۇ» دېگەن مۇھىم بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، قۇملۇقنى بويسۇندۇرغان بۇ بىر توپ جەڭچى قۇملۇقتىكى تۇنجى ئەۋلاد باش چۆكۈرۈپ بوز يەر ئاچقۇچىلارغا ئايلاندى. 1950 - يىلى، 15 - تۇەن جەمئىي 23 مىڭ مو بوز يەر ئېچىپ، 22 مىڭ مو يەرنى تېرىدى. 1952 - يىلى، قىسىم شۇ جايدا كەسىپ ئالماشتۇردى، قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان تۇنجى ئەۋلاد «بىڭتۇەنلىكلەر»گە ئايلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قەدىمىي چۆللۈكتە 47 - تۇەننى قۇردى.
بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان يىللاردا، ياشلار تاۋلىنىپ ئاق چاچلىق ياشانغانلارغا ئايلاندى. ئۇلار چۆل - جەزىرىلەرنى قېزىپ، قار سۈيىنى باشلاپ كېلىپ، كەڭ مۇنبەت ئېتىزلارنى بەرپا قىلدى. 70 نەچچە يىلدا، ئۇلار جياڭجۈن ۋاڭ جېننىڭ «15 - تۇەن خوتەنگە ئورۇنلىشىدۇ، قەتئىي يۆتكەشكە بولمايدۇ» دېگەن بۇيرۇقىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشى، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ئۇلارنىڭ سادىق جىسمى قۇملۇققا كۆمۈلدى، ساداقىتىنى ۋەتەنگە تەقدىم قىلدى. پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا قۇم - بورانغا يۈزلىنىپ، توغراقلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئەجدادلىرى ئىسسىق قېنى بەدىلىگە سۇغارغان بوستانلىقلارنى قوغداپ، ھەر كۈنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشنى تەمكىن كۈتۈۋالماقتا.
47 - تۇەننىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جاراڭلىق نامى − «پېشقەدەم ئەسكەرلەر بازىرى». كىچىك بازاردا «پېشقەدەم ئەسكەرلەر يولى» «پېشقەدەم ئەسكەرلەر خاتىرە باغچىسى» «پېشقەدەم ئەسكەرلەر خاتىرە سارىيى» ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ساندۇق چىراغلاردا پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ سۈرىتى بىلەن «پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى مەڭگۈ ھايات» دېگەن چوڭ خەتلەر جۇلالىنىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئۇزۇنكۆل كەنتىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىشىدىكى «1 - كەنت»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەينى يىللىرى 15 - تۇەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر «ھالاكەت دېڭىزى»نى كېسىپ ئۆتۈپ تۇنجى بولۇپ يېتىپ كەلگەن بۇ كەنت جەڭچىلەر سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلغان، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلغان، خەلق قەلبىنى مايىل قىلغان بۇ كېچە - كۈندۈزلەرگە گۇۋاھ بولدى. كەنت ئاھالىسى مەرىپەت ئادىلنىڭ سۆزى ئاددىي ھەم چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى: «پېشقەدەملەردىن سانسىزلىغان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار بىزگە تىنچلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى».
سۈرەتتىكى ئاياغ ئىزلىرىنى بۇرۇنلا كۆچمە قۇم تۈزلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەنىۋى ئىزلار يىللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەن تۇپرىقىدا توغراقلاردىنمۇ بەكرەك مۇستەھكەم ئۆسۈپ يېتىلدى. تەكلىماكاندىكى ھەربىر قۇم دانچىلىرىغا ئۆچمەس قەسەملەر مۇجەسسەملەندى؛ چېچىلىپ كەتكەن قۇملار جۇغلىنىپ ھاسىل بولغان قۇم دېڭىزىدا پېشقەدەم ئەسكەرلەر ھاياتى بەدىلىگە تاۋلىغان «شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش» روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ھەيۋەتلىك قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر! قۇملۇقتىكى بوران - چاپقۇن ئىچىدە مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەربىر تۈپ توغراققا ئوخشاش، سىلەر مەڭگۈ تەۋرەنمەس ئابىدە.