□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
قۇربان ھېيتتا، ئىللىقلىققا تولغان قوشنىلار بايرىمى پائالىيەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۆتكۈزۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ھويلا - ئارانلىرىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى مەھەللە مەيدانلىرىغىچە، ھەر مىللەت ئامما مەززىلىك تائاملار، ناخشا - ئۇسسۇللارنى ۋاسىتە قىلىپ، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناقلىق مەنزىرىسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى جۇڭتيەن فېيلى جۈنفۇ ئولتۇراق رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، بۇ يەردە سەككىز مەھەللىنىڭ ئاھالىلىرى بىرلىكتە «قوشنىلار خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، گۈزەل پەيتلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاھالىلەر داپەنجى، قورۇلغان ئۆپكە، تونۇر كاۋىپى، پولۇ قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى تاماق ئۈستىلىگە تىزدى، ئۇسسۇل «يىلدا ئېشىنچا بولۇش» «رەڭلىك لېنتا لەپىلدىمەكتە»، ناخشا «مەن شىنجاڭنى سىزگە ناخشا قىلىپ ئېيتىپ بېرەي» قاتارلىق نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن قويۇلدى. مەھەللە ئاھالىسى ما پىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پائالىيەت قىزىپ كەتتى ھەم قەلبلەرنى ئىللىتتى، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»
شۇ كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرى لىياڭ كەنتىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» باش تېمىسىدىكى قوشنىلار بايرىمى ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتى پائالىيىتى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە باشلاندى. 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈستەلگە تونۇر كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى قاتارلىق ھەر خىل مەززىلىك تائاملار لىق تىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى تىجارەتچىلىرى يېمەك - ئىچمەكلەر ئارقىلىق دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى، مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، كەڭ - كۇشادە مۇڭداشتى. لىياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇدرەت قېيۇم مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سالدى».
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيەسىنىڭ شايار بازىرى يېڭى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەشكىللىگەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، قوشماقلاشقان تۇغقانلار، بىر مەھەللىدىكى قوشنىلار بىرلىكتە چوڭ قازاندا پولۇ ئەتتى، يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى بىرلىكتە تېتىدى، كىچىك دوستلار ھاياجانلانغان ھالدا يان تېلېفون ئارقىلىق خۇشال پەيتلەرنى خاتىرىلىدى. شايار بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتىمۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شايار بازىرىنىڭ جىنيەنخې مەھەللىسىدە «خۇشال مەشرەپ» «يەسىمەن گۈل» قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى شوخ، جانلىق ئورۇنلاندى. ئاھالە ئادىل مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قوشنىلار جەم بولدۇق، ھەممىمىز مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتتۇق.
6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە «قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ بىرلىكتە ئىللىق كەنت بەرپا قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كەنت ئاھالىلىرى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابلىز ئىسمايىلنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ، قۇرۇق مېۋىلەر ۋە سۇدا پۇشۇرۇلغان گۆش لىق تىزىلغان تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ قىزغىن پاراڭلاشتى، مۇڭداشتى، تەرەققىيات ھەققىدە سۆزلەشتى، ئۆزگىرىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن تايىپ ئەتكەنچاي كۆتۈرۈپ كەلگىنىچە كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى: «يۇرتداشلار، ھېلىمۇ سىلەر ياردەم قىلغاچقا، يېڭى سۇ تۇرۇبىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېلىپ، يەر سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى داۋاملاشتۇرىمەن».
ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى موتىت خوتقۇر كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قوشنىلار بىر مەقسەتتە بولۇپ يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش» قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىقلار ئارقىلىق مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پائالىيەت كەيپىياتى قىزغىن، ئىناق بولدى. بۇ كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فېي يەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق يۇغۇرۇلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش داۋامىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل بازىرى چىڭلۇڭخۇ مەھەللىسىدە «يۈز ئائىلە زىياپىتىدىن مەززىلىك تاماق ھىدى تارالدى، قوشنىلار ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى» قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئاھالىلەر چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ مۇڭداشتى، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى بەخت مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ساڭزا، سامسا قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە جەم بولدى. كۆپچىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ پاراڭلاشتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئاھالە گۈلباھار ئەتخۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە دوست تۇتتۇم».
(مۇخبىر بەي سۇجۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ دۇڭمېي، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو جياكې، ياڭ تاۋ، ياڭ پېڭشېڭ، ۋېي چىچى، شياڭ جېنۋېن)