تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​بۇ قۇربان ھېيتتىكى تەسىرات بەك مول بولدى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ھەمتۈرتكە بولۇش، مايسا تىكىش، قىسقۇچپاقا تۇتۇش​

بۇ قۇربان ھېيتتىكى تەسىرات بەك مول بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بويىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش، سەيلە - ساياھەت قىلىپ مېۋە - كۆكتات ئۈزۈشتىن يېزا - كەنتلەردىكى شال ئېتىزلىرىدا مايسا تىكىش، قىسقۇچپاقا تۇتۇشقىچە، تىياتىرخانىلاردا قويۇلغان تىياتىرلاردا ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار ھەمتۈرتكە بولۇپ خۇشاللىققا چۆمۈش... ئەنئەنە بىلەن مودا ئېقىم بىرلىشىپ، كىشىلەرگە مول تەسىرات ۋە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

«بۇ جايدىكى شاللار يىلدا قانچە قېتىم پىشىدۇ؟» «قىسقۇچپاقا شالنىڭ غولى ۋە يوپۇرماقلىرىنى غاجىۋېتەرمۇ؟»... 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى دۇجياجۇاڭ كەنتى رۇڭشياڭشىن شاللىق قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ زېخۇا بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى. ۋاڭ زېخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: 130 مو يەردىكى شاللىقتا «شاللىقتا قىسقۇچپاقا بېقىش» ئەندىزىسى قوللىنىلدى، بۇنىڭدا ھەم شالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، ھەم ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بالىلار ئىشتانلىرىنىڭ پۇچقاقلىرىنى تۈرۈپ شاللىققا كىردى، بەزىلىرى مايسا كۆچۈرۈشنى ئۆگەندى، بەزىلىرى قىسقۇچپاقا تۇتۇش مۇسابىقىسى ئوينىدى. شەھەر ئاھالىسى لى شىنلېي يەتتە ياشلىق قىزىنى ئېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: مايسا تىكىش مۇسابىقىسىدە ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق. بالىلار يېزا تۇرمۇشىنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇ قېتىم ئەركەك قىسقۇچپاقا بىلەن چىشى قىسقۇچپاقىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە شالنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىنىمۇ بىلىۋالدى، بۇنداق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

دۇجياجۇاڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما دۇڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەنتىمىز «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + مەدەنىيەت - ساياھەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، شاللىق باقمىچىلىقى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بازىسى، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنت ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئايلانما ئىقتىسادنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

شۇ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتى قاپاق باغچىسىنى كۈلكە ساداسى قاپلىغانىدى، قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، چۇرگۇل بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتى.

قاپاق باغچىسىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى قاپاق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى شۇ ھامان بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قاپاق باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى كۆتۈۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاپاقنىڭ تارىخىي مەنبەسى، مەھسۇلات تۈرى، ياساش ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىق بىلىملەرنى تونۇشتۇردى، نەق مەيداندا ئويمىچىلىق، رەڭلىك سىزما قاتارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن قىلغان مەشغۇلاتىغا بالىلار مەپتۇن بولۇپ، دەرھال سىناپ بېقىش ئويىغا كەلدى.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلار بەس - بەستە قورال - سايمانلارنى ئېلىپ، قاپاق ئاسما بۇيۇملىرىنى ياساشقا باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قاپاق ئاسما بۇيۇملىرى بارلىققا كەلدى، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە چېھرىدىن ئىپتىخارلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى، ئۇلار ئەسەرلىرىنى بىر - بىرىگە كۆرسەتتى، پىكىر ئالماشتۇردى، باغچە خۇشال كۈلكە ساداسىغا تولدى.

ئارقىدىن بالىلار تىيانشان دورىلىق كۈجە ياساش ھۈنەرخانىسىغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرىشىگىلا قويۇق دورىلىق كۈجە پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى، ھۈنەرخانىغا تۈرلۈك جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى لىق تىزىلغانىدى. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ھەر خىل دورا ماتېرىياللىرىنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئۈنۈمىنى جانلىق چۈشەندۈردى. «بىز ھاشارات يوقىتىدىغان خۇشپۇراق خالتا ياسىدۇق» دېدى تاشپەلەمپەي يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى مالىنا.

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات بازىسى) ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، بالىلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى پەن - تېخنىكا گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ دۇنيانى كەزدى. ساددا، ئوماق پەن - تېخنىكا ئىتى جانلىق قەدەم تاشلاپ، تۈرلۈك بۇيرۇقلارنى دەل جايىدا ئىجرا قىلغاندا، نەق مەيداندىكىلەر ھەيران قېلىشتى؛ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ خۇددى ئۇچار قۇشلاردەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بوشلۇقتا گۈزەل شەكىللەرنى ھاسىل قىلغاندا، بالىلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بويۇنداپ قارىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىغا بولغان تەلپۈنۈشكە تولدى.

كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى قىزىقارلىق ئىلمىي تەجرىبە ھالقىسى بولدى. سۈركىلىش كۈچى تەجرىبىسى قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان جىسىمنىڭ سىيرىلىشى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا چوڭ بىلىم يوشۇرۇنغانىدى؛ تۇز سۈيىدە تۇخۇمنى لەيلىتىش تەجرىبىسىدە تۇخۇم تۇز سۈيىدە ئاستا - ئاستا لەيلەپ چىققان ئاجايىپ مەنزىرە بالىلارنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇردى؛ ئالىقاندىن يالقۇن چىقىرىش تەجرىبىسى نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، بۇتاننى سوپۇن سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئالىقانغا سۈركىگەندە كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنى ياندى، ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلگەندە ئالىقانغا ئازراقمۇ زەخمە يەتكۈزمىدى، بالىلار ئىختىيارسىز ئالدىغا بېرىپ سەۋەبىنى سورىدى.

«بەك قالتىسكەن! ئەسلىدە ئىلىم - پەن تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان ئىكەن، يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق سىر مېنىڭ بايقىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋېتىپتۇ» دېدى چۇرگۇل بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى تولغانئاي تەجرىبە قوللانمىسىنى قولىغا ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلىم - پەن دۇنياسىغا بولغان ئىنتىلىش ئۇرغۇپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.