تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئۆي - زېمىن كەسپى «ئاق تىزىملىك» تۈرى بانكىنىڭ 32 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىناۋەتلىك قەرز سوممىسىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۆي - زېمىن كەسپى «ئاق تىزىملىك» تۈرىدىن 369نى يوللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 336 تۈر بانكىنىڭ 32 مىليارد 515 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز سوممىسىغا ئېرىشكەن، 322 تۈر قۇرۇلۇش سۈرئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بانكىنىڭ 24 مىليارد 447 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تاپشۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا مەدەت بېرىلگەن.

2024 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۆي - زېمىن كەسپى «ئاق تىزىملىك» تۈرى بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭ «بىرى پىشىپ يېتىلسە بىرىنى يوللاش، بىرىنى يولغا قويۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ۋە 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) شەھەر ئۆي - زېمىن كەسپى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپى «ئاق تىزىملىك»ىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ساھە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ساھە تۈرلىرىگە يار - يۆلەك بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز مەلۇم قىلىپ قۇرۇش، تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تېز خېرىدار چاقىرىش، تېز ئىش باشلاش، تېز تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، شەھەر ئۆي - زېمىن كەسپى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

«<ئاق تىزىملىك> نۇقتىلىق ھالدا ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈرى ھەم بۇ يىل يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئۆي - زېمىن تۈرىگە قارىتىلغان، كارخانىلارنىڭ تۈرلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىشىگە ياردەم بېرىپ، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، قەرز بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق قەرز بېرىش، بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۆي - زېمىن كەسپى بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ خەيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا ھەمكارلىقى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئۆي - زېمىن كەسپى تەرەققىيات كارخانىلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى يېپىق باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئاپتونوم رايون ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.