تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كان قازىدىغان زور ئەجدىھا» يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى

​تىرانسپورت ئۈنۈمى %333.33 ئۆستى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بۇيرۇق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى خېيشەن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ مەشغۇلات خادىملىرى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ ئايرىپ يېرىم ئۈزلۈكسىز قېزىش سىستېمىسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن قوزغاتتى، كان ئاستىدىكى پارچىلاش پونكىتى، يەتكۈزۈش تاسمىسى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە قوزغالدى، ئاۋۋال كۆمۈر قاتلىمى ئۈستىدىكى توپا ۋە تاغ جىنسلىرى ئايرىپ چىقىلىپ، پارچىلانغاندىن كېيىن تاسمىنى بويلاپ توپا چىقىرىش مەيدانىغا ئاستا - ئاستا توشۇلدى، كۆمۈر يەر يۈزىدە كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن قېزىلدى.

بۇ بىر يۈرۈش سىستېما سەنشى ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەنشى ئۆلكىسى شوجوۋ شەھىرى جۇڭمېي پىڭشو گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شەرقىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئورنىتىلغان، ئۈچ يىل يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆمۈر كاننىڭ توپا چىقىرىش بوشلۇقى تار، كىچىك بولغاچقا، نورمال ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولمىغانلىقتىن ئىشلىتىلىشتىن توختاپ قېلىپ، كان رايونىدىكى «قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان زور ئەجدىھا»غا ئايلىنىپ قالغان.

شىنجاڭدىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا يەككە كان كۆلىمى چوڭ، ئايرىلغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىش مەيدانى يېتەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سەنشى كان رايونىغا سېلىشتۇرغاندا چوڭ تىپتىكى ئۈزلۈكسىز توشۇش سىستېمىسىنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىك يۈرۈشۈشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. 2023 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭمېي بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۇنى شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى خېيشەن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىغا ئورنىتىشنى قارار قىلغان.

بۇ بىر يۈرۈش سىستېما خۇددى بىر «كان قازىدىغان زور ئەجدىھا»غا ئوخشاش، ئالتە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بەش تاسما ئۇلاپ تۇتاشتۇرۇلغان، كان ئازگىلىدىن ئېگىزلىك پەرقى 100 مېتىردىن ئاشىدىغان يەر يۈزىگىچە ئۇدا ئۇزارتىلغان.

«بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىنغان، تەڭشەپ سىناق قىلىپ يۈرۈشتۈرگەندە، چاستوتا ئۆزگەرتكۈچنى كونترول قىلىش، پارچىلاش ماشىنىسىنىڭ قوزغىتىش گېنېراتورى قاتارلىقلاردا دائىم كاشىلا كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، ئەسلىدىكى زاۋۇت بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغانلىقىنى بايقاپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلدۇق» دەپ چۈشەندۈردى جۇڭمېي بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى لۇڭ تېڭ.

خېيشەن كۆمۈر كېنىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى شوجوۋ شەھىرى شەرقىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدىكى ئايرىلغان ماددىلاردىن يۇقىرى بولۇپ، ئەسلىدىكى پارچىلاش ماشىنىسىنىڭ چىشى بۇ قاتتىق تاشلارنى «پارچىلىيالمايتتى». سىناق قىلىش ئارقىلىق سۈركىلىشكە چىدامچانلىقى تېخىمۇ ياخشى بولغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان نىكېل - خىروم - مولىبدېن قېتىشمىلىق چىشقا ئالماشتۇرۇلدى.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىش «ئۈسكۈنە ئالماشتۇرۇش» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «تېخنىكىنى كۈچەيتىش، ئۆلچەمنى كۆتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھېسابلىنىدۇ. «ئۆزگەرتىش مەزمۇنى ئىمپورت قىلىنغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەر ئېلىش، مەملىكەت سىرتىدىكى يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ئورنىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئىشلەپچىقارغان يۇمشاق ماتېرىياللار ئېلىش، ئەسلىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاخىرىدا 62 قاتتىق ماتېرىيال ئۈسكۈنىسى، ئۈچ يۈرۈش يۇمشاق ماتېرىيال پىروگراممىسىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالدى» دېدى جۇڭمېي بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور سۈن شۈچۇن.

«نۆۋەتتە، بۇ سىستېما 40 نەچچە كۈن مۇقىم يۈرۈشتى، ھەر كۈنى ئايرىپ چىققان ماددا مىقدارى 30 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ.» جۇڭمېي بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور سۇڭ يۈنلۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، سەنشىدىكى بىكار تۇرغان «كان قازىدىغان زور ئەجدىھا» شىنجاڭدا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سىستېمىنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمى %333.33 ئۆسكەن. بۇ 298 ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھەر يىلى 7 مىليون لىتىردىن ئارتۇق دىزېل مېيىنى تېجەپ قالغانغا باراۋەر ئىكەن.

جۇڭگو كۆمۈرچىلىك قۇرۇلۇشى جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاشقا تەشكىللىدى، ئۇلار مۇنداق قارىدى: جۇڭمېي بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تاماملىغان «ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان پارچىلاش پونكىتىنى يىراق ئارىلىقتىن يۆتكەپ ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى» تۈرى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكەن، «ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان پارچىلاش پونكىتىنى يىراق ئارىلىقتىن يۆتكەپ تەسىس قىلىش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى»نىڭ تېخنىكىسى ئىلغار، ھۈنەر - سەنئىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن، بىرقەدەر ياخشى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.