تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا ياز كۈنلىرىدىكى «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كېچىلىك تۇرمۇش» ئەندىزىسى باشلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

گۇگۇم چۈشۈپ، نېئون چىراغلار تەدرىجىي يورۇدى. ھاۋانىڭ بىردىنلا ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ياز كېچىسى پۈتۈنلەي قاينام - تاشقىنلىققا تولدى − شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتايدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەرگىچە، قاينام تاشقىنلىققا تولغان كەچلىك بازار كوچىلىرىدىن نۇر بىلەن كۆلەڭگە گىرەلىشىپ كەتكەن مەدەنىيەت - ساياھەت كوچا رايونلىرىغىچە، ياز كۈنلىرىدىكى «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كېچىلىك تۇرمۇش» ئەندىزىسى چەكسىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تۈن پەردىسى ئەمدىلا يېيىلغاندا، توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرغان خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئاۋازلارغا ئەگىشىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي كوچا كەچلىك بازىرى بىر كۈندىكى ئەڭ ئاۋات ۋاقىتنى كۈتۈۋالدى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئىچىدە ئاستا - ئاستا باشلاندى.

شەرقىي كوچا كەچلىك بازىرىغا كىرگەندە، 80دىن ئارتۇق دۇكان كوچىنى بويلاپ رەت - رەت جايلاشقان بولۇپ، كاۋاپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مالاتاڭ، ئاچچىق - چۈچۈك قوي پاچىقى قاتارلىق تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى. شەرقىي كوچا كەچلىك بازىرىدىكى يايما ئىگىسى جاڭ يې كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان سودىمىز ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، خېرىدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم».

بۇ يىل، شەرقىي كوچا كەچلىك بازىرىدا تېخىمۇ «ياخشى تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى»! يېڭىدىن ياسالغان مول مىنېرال ماددىلىق سۇ كۆلچىكى، بەيجيافاڭ داكا نۇقتىسى ناھايىتى تېزلا قىزىق نۇقتىلىق سۈرەتكە چۈشۈش ئورنىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋات بولغىنى پۇقرالار سەھنىسى بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كۈنىدە پۇقرالار سەھنىسى دەل ۋاقتىدا باشلىنىدۇ، سەھنىدىكى كەسپىي ناخشىچىلار پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئېيتىدۇ، تۆۋەندىكى ساياھەتچىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، بۇ رايوننىڭ يەككە كۈندىكى ئادەم ئېقىمى 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى چۆرىدەپ، بىر قاتار مول، رەڭدار كېچىلىك باش تېما پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، بۇ، ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى سالقىنداش ئۈچۈن بارىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت جەلپكارلىقى ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ديېخۇ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، كۆل، تاغ مەنزىرىسى بىلەن جۇلالىق كېچە مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. كۆل بويىدا سەيلە قىلىۋاتقان ئاھالىلەر، سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر بىلەن چاقناپ تۇرغان نېئون چىراغلار گىرەلىشىپ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

تۈن پەردىسى يېيىلىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاۋىيتان بازىرى شۆدۇ كەنتىدە چىراغلار چاقنىدى. ئېگىزدە تۇرۇپ قارىغاندا، قىزىل تەربىيە بازىسىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك چىراغلار جۇلالىق جۇڭگو خەرىتىسى ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، 8.8 كىلومېتىرلىق پىيادە مېڭىش ئايلانما لىنىيەسى خۇددى يىپەك لېنتىغا ئوخشاش ئەگرى - بۈگرى ئايلىنىپ تۇراتتى. ساياھەتچىلەر «خەرىتە»نى بويلاپ سەيلە قىلىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى، بۇ خىل «كۈندۈزى يېزا ئىگىلىك ساياھىتىنى ھېس قىلىش + كېچىسى قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش» خاس مەدەنىيەت - ساياھەت ئەندىزىسى ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتتى.

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شۆدۇ كەچلىك بازىرى كەنت ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كېچىلىك ئىستېمالىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپ قالدى. كەنتتە قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى زور تۈركۈم ساياھەتچىنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى. «كەنتتىكى كەچلىك بازارغا تايىنىپ، مەن ساياھەتچىلەرنى ئات مىنىش، سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدىم، يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.» شۆدۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تابىسبېگ ئومۇرزاق مۇنداق دېدى: مەن باشلامچى بولۇپ تەشكىللەپ قۇرغان شۆدۇ كەنتىنىڭ ئات ئەترىتىدە 24 ئات بار، بەش چارۋىچىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدۇم، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە باھا بېكىتىش ئارقىلىق، ئات مىنىشنى ھېس قىلىش، خاس يېمەك - ئىچمەك، سۈپەتلىك قونالغۇدىن ئىبارەت كۆپ خىللىق يۇغۇرۇلغان ساياھەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلدۇق.

كۇچا شەھىرى نەنخۇ باغچىسىدىكى نەنخۇ كەچلىك بازىرىمۇ ئوخشاشلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازى، يايمىچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازى، سەھنىدىكى مۇزىكا ئاۋازى ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن باغچە قايناق تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغانىدى.

نۆۋەتتە، كۇچا شەھىرىدە نەنخۇ كېچىلىك ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، تەيگۇلى كەچلىك بازىرى، رەستە ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونى يادرو قىلىنغان كېچىلىك ئىقتىساد ئىستېمالى توپلاشقان رايون شەكىللەندى.

رەڭگارەڭ چىراغلار يورۇغاندا، كېچىلىك ساياھەت ئەندىزىسىگە كىرگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا چىراغلار چاقنىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى قەدىمىي شەھەرنى ئارىلاپ سۈرەتكە چۈشتى، سىنغا ئالدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مەنزىرە رايونى «كېچىلىك ئىقتىساد» كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كېچىلىك يېمەك - ئىچمەك، كېچىلىك مەنزىرە ئىستىراھىتى، ئېسىل نومۇرلارنى قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىنىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 20 مىليون 442 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.92 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 18 مىليارد 127 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 ئاشتى.

شىنجاڭدا ياز كۈنلىرىدىكى كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائام ۋە مال سېتىۋېلىش دائىرىسىدىن بۇرۇنلا ھالقىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قاتارلىق ئامىللار چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، كېچىدە تاماق يېيىش، كېچىدە مال سېتىۋېلىش، كېچىدە ساياھەت قىلىش، كېچىدە كۆڭۈل ئېچىش، كېچىدە تاماشا قىلىش قاتارلىق مول، كۆپ خىل مەھسۇلات سىستېمىسى شەكىللەندى، بۇ، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە شەھەر نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ بۇ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كېچىلىك تۇرمۇشنى ھېس قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن، قاتناشقان مۇخبىر جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.