تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى %40كە يېقىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ سىنىڭ شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭ بويىچە چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى 1 مىليون 398 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن چىققانلار 707 مىڭ ئادەم قېتىم، چېگرادىن كىرگەنلەر 691 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %39.3، %39.5 ئاشقان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى ئىچىدە، يولۇچىلار سانى 768 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشقان، چەت ئەللىكلەر 705 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.4 ئاشقان. جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن - چىققانلار سانى سانلىق مەلۇماتى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 3 مىليون 865 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.4 ئاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن قاتناش - تىرانسىپورت قورالى جەمئىي 590 مىڭ ئاپتوموبىل\پويىز\ئايروپىلان قېتىم (ئاپتوموبىل 568 مىڭ قېتىم، پويىز 17 مىڭ قېتىم، ئايروپىلان 4890 قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن كىرگەن - چىققان يۈك پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پورتلىرىنىڭ %42ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان، يەككە كۈندە تەكشۈرۈلۈپ چېگرادىن كىرگەن - چىققان پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 136 قېتىم بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 1 -، 2 - ئورۇندا تۇرغان.

ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە پورتى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس، ئالاتاۋ، باقتۇ، دولاتا پورتلىرى، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئەركەشتام، تورغات پورتلىرى، جۇڭگو - تاجىكىستان قاراسۇ پورتىدا چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار، قاتناش - تىرانسپورت قوراللىرىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە دولاتا، ئەركەشتام، تورغات قاتارلىق پورتلاردا چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72تىن كۆپرەك ئاشقان؛ دولاتا پورتىدا چېگرادىن كىرگەن - چىققان قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %110، ئەركەشتام، تورغات، قاراسۇ قاتارلىق پورتلاردا چېگرادىن كىرگەن - چىققان قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54تىن كۆپرەك ئاشقان.

داۋاملىق ئېشىۋاتقان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئېقىم مىقدارى ئالدىدا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى «شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر 36 ماددىلىق تەدبىرى»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش - مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس يولى ھەمدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى «يېشىل يولى» ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش «ھاياتلىق يولى» قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش بويىچە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.