تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، مەنپەئەتلىنىشچان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

پىكىردە مۇنداق تەكىتلەندى: ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئادىللىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىقلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى بېكىتىش چارىسى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە تەڭشەپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە تەرەققىيات شەكلى ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

پىكىردە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپەيمە مۇلازىمەت ئىشلىرىنى دەل ۋاقتىدا دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ناھىيە رايونىنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى پىلانلاش - ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بايلىق تەقسىملەش، ئىختىساسلىقلارنى تەقسىملەشنى شەھەر - يېزىلاردا بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەدرىجىي ھالدا دائىم تۇرۇشلۇق جاي تەمىنلەشكە تەڭشەش كېرەك. نوپۇس مەركەزلىك يۆتكىلىپ كىرگەن شەھەرلەرگە قارىتا «بىر شەھەردە بىر تەدبىر بولۇش»نى يولغا قويۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پىكىردە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاساس مائارىپ بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 1000دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش، ناھىيە رايونىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى نۇقتىلىق ياخشىلاش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالىي مائارىپ بايلىقىنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەرگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرسلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدا يېڭىلىق يارىتىلغان دورا مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىش كېرەك. ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەرۋىش تىپىدىكى كارىۋات تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى قۇرۇلۇش بويىچە ھاۋالىلىك بېقىش بىلەن تەمىنلەشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىشنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پىكىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ خىللاشقان جەمئىيەت مۇلازىمىتى بويىچە ئېرىشىشچانلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەھەللىنى ئاساسىي ھالەت، ئاساسىي بازا قىلىپ، خەلققە قولايلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن بىرىكمە پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئىقتىدارى بىرىككەن كۆپ ئىقتىدارلىق تەنھەرىكەت مەيدانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە مەيدانى تەمىناتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار مۇزېي، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى كېچىدە ئېچىۋېتىشكە مەدەت بېرىش كېرەك. ئاممىۋى سىياسەت تۈزۈش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىدا بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى ۋە بالىلارغا دوستانە بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، باج قاتارلىق جەھەتلەردە ئائىلىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

پىكىردە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشى ۋە مۇستەھكەملىشى كېرەك. مۇھىم خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى تارماق ھالقىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى ئىلمىي باھالاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.