□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ
«قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» «مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مۇبارەك بولسۇن!» 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق غەربىي مەھەللىسى ياڭگۇاڭ لىجىڭ ئولتۇراق رايونى قىزىپ كەتتى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلار بىر- بىرىنى يوقلاشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، كىشىلەر ئۆزئارا سالاملىشىپ، بايرام شادلىقىغا چۆمدى...
29 - بىنا 1 - كورپۇس 2 - قەۋەتتىكى تاھىر يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى مېھمان − ياندىكى قوشنىسى خۇاڭ شىلەن ئائىلىسىدىكىلەر كەلدى. 88 ياشلىق خۇاڭ شىلەن تېتىك بولۇپ، بىر نەچچە ياشنى چاي قۇيۇش، مېۋە يۇيۇش، تەخسىلەرنى تىزىشقا بۇيرۇۋاتاتتى.
«خۇاڭ ھەدەم خۇددى ئانامغا ئوخشايدۇ، ئەتىگەندىلا بالىلىرى بىلەن ياردەملەشكىلى كىرىپتۇ» دېدى 66 ياشلىق تاھىر.
«بىز قوشنا بولغىلى نەچچە ئون يىل بولدى. ئادەتتە بۇ بالىلار ماڭا يار - يۆلەك بولىدۇ. قوشنىلار بىلەن چىقىشىپ، قىزغىن، خۇشال ئۆتۈش مېنىڭ ساغلام تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈمدىكى سىر» دېدى خۇاڭ شىلەن خۇشال ھالدا.
تاھىر مۇنداق دېدى: «خۇاڭ ھەدىمىز بىزنىڭ تايانچمىز، بىز قانداقلا ئىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز، زىددىيەتكە يولۇققاندا، ئۇ كۆپچىلىكنى مۇرەسسە قىلىدۇ، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا قايىل بولىمىز».
«مەن كۆچۈپ كىرگەندە، تاھىر ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، ئۈستۈنكى، ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىلارنى نەرسە - كېرەكلىرىمنى توشۇپ بېرىشكە ياردەملىشىشكە چاقىردى، شۇ چاغدىلا مەن بۇ ئولتۇراق رايوننى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم.» خۇاڭ شىلەن مۇنداق دېدى: كورپۇس، بىنادا خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان ئاھالىلەر بار، نەچچە ئون يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈردۇق، قوشنىلار ئەزەلدىن قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن قىزىرىشىپ باقمىدى، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.
«گەرچە بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىز ئانچە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن نەچچە ئون يىل بىللە ئۆتۈش جەريانىدا، نۇرغۇن تۇرمۇش ئادىتىمىز بارغانسېرى ئوخشىشىپ كەتتى.» تاھىر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى، كورپۇس، بىنادا ئۆزئارا تاماق سۇنۇشۇش تۇرمۇشىمىزدىكى نورمال ئەھۋال ئىدى.
«ھەر قېتىمقى ھېيت - بايرام قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىدىغان ياخشى پۇرسەت، قۇربان ھېيتنى خۇاڭ ھەدەم بىزنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە، باھار بايرىمىدا ئۇ بىزنى ئۆيىگە بەنشىر تۈگۈشكە چاقىرىدۇ» دېدى تاھىر كۈلۈپ تۇرۇپ.
ھازىر، تاھىرمۇ پېنسىيەگە چىقتى، بوش ۋاقىتلىرىدا ئىككىيلەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، بۈگۈنگە نەزەر سالىدۇ، ئۇلار ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ ھەسەلدىنمۇ شېرىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق غەربىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھەجەر مەۋلۇت مۇنداق تونۇشتۇردى: ياڭگۇاڭ لىجىڭ ئولتۇراق رايونىدىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسىدا جەمئىي 12 بىنا، 492 ئائىلىلىك بار، ئەڭ بۇرۇنقىلىرى 1992 - يىلى كۆچۈپ كىرگەن، ھەممىسى نەچچە ئون يىللىق قوشنىلار، «خۇاڭ موماي قورۇدىكى قىزغىن كىشى، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بولسا، ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى مەھەللىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردە بىر، ئىككى ئائىلە ياخشى ئۆتۈپلا قالماي، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى ئۆتىدۇ».
ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا، مۇخبىر كۆپچىلىكنى ئوپچە سۈرەتكە تارتىپ قويۇش تەكلىپىنى بەردى، ئاپپارات كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بىردەك باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «قوشنىلار ئارا ئىتتىپاق ئۆتىمىز، ياخشى!» دېيىشتى.