(2025 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى
(9 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا 2025 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2025 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى
2025 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 - باب فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيەت
3 - باب ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش
4 - باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش
5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا بۇ نىزام زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش دېگىنىمىز، كېلىشتۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش، مەمۇرىي قارار چىقىرىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش قاتارلىق يوللار شۇنىڭدەك قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار ئارقىلىق ئورگانىك جىپسىلاشقان، ماس ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
4 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى بېيىتىش، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەت بولىدىغان، پەن - تېخنىكا تىرەك بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:
(1) قانۇن - نىزام، قائىدە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە زىت يول تۇتماسلىق، ياخشى تەرتىپ ۋە ئۆرپ - ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش؛
(2) ئالاقىدارلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش؛
(3) ئادىل، ھەققانىي، خەلققە قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش؛
(4) كېلىشتۈرۈش، مۇرەسسە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، كۆپ تەرەپ جىپسىلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش؛
(5) ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ماجىرالارنى ماھىيەتتىن تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش.
5 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلار زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمەت مېخانىزمى ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، تۈگىتىش سۇپىسىنىڭ ئۆلچەملىك يۈرۈشۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
6 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش مەسئۇلىيىتى بار ئاساسىي گەۋدىلەر تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك؛ رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان ۋە كۆپ ئادەمگە چېتىلىدىغان، ئىجتىمائىي تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان زىددىيەت - ماجىرالاردا ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئالدىنى ئېلىشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك.
7 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش مەسئۇلىيىتى بار ئاساسىي گەۋدىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى مەنپەئىتىگە دائىر دەۋا تەلىپىنى قانۇنلۇق، ئورۇنلۇق ئىپادىلەشكە، زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىشكە، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.
رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلار قانۇن بىلىملىرى ۋە تىپىك دېلو مىساللىرى توغرىسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىشنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
8 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىشتە مەسئۇلىيىتى بار ئاساسىي گەۋدىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتى، ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ زىددىيەت - ماجىرا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇرەسسەچىلەرنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمچانلىقى، قانۇنلۇقلۇقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
9 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
2 - باب فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيەت
10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى - سەپەرۋەر قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى قانۇن بويىچە خەلق مۇرەسسە خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى ھەر خىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
11 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاغا كىرىدىغىنى بىلەن كىرمەيدىغىنى ئۆزئارا جىپسىلاشقان مېخانىزمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ماجىرانى تۈگىتىشكە يېتەكلەش، مۇرەسسە قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەزالىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى، مەمۇرىي ئورگان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، كېسىم ئاپپاراتى، مۇرەسسە تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
12 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىشكە قاتنىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى، گۇڭئەن ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەپتىش قىلىش بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تۇتاشتۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قىلىش، جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا كېلىشتۈرۈش، ھەق تەلەپ دەۋاسىدا كېلىشتۈرۈش، مەمۇرىي تالاش - تارتىشنى ماھىيەتتىن تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشى كېرەك.
13 - ماددا گۇڭئەن ئورگىنى جىنايى ئىشلار دېلوسىدا كېلىشتۈرۈش، ئامانلىق دېلوسى، يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى تالاش - تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بىلەن جىپسىلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، يېزا - بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ زىددىيەت - ماجىرانى تۈگىتىش خىزمىتىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك.
14 - ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ساھە خاراكتېرلىك، كەسپىي خاراكتېرلىك مۇرەسسە خىزمىتى شۇنىڭدەك مەمۇرىي قارار چىقىرىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋاغا جاۋاب بېرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، مۇرەسسە تەشكىلاتى ۋە مۇرەسسەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورۇنلىرى ۋە قانۇن ياردىمى، ئەدلىيەلىك باھالاش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، كېسىم ئاپپاراتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ۋە ئۇلاردىكى كەسىپكارلارنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
15 - ماددا ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قارار چىقىرىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە دەۋا قاتارلىقلار بىلەن بولغان جىپسىلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن يول بىلەن تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.
16 - ماددا باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەمۇرىي مۇرەسسە قىلىش، مەمۇرىي قارار چىقىرىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ساھە خاراكتېرلىك، كەسپىي خاراكتېرلىك مۇرەسسە تەشكىلاتى ۋە مۇرەسسەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ساھەدىكى ساھە خاراكتېرلىك، كەسپىي خاراكتېرلىك زىددىيەت - ماجىرالارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.
قانۇن - نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار ئۆز فۇنكسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
17 - ماددا چېگرا رايونلىرىدا زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش تەشكىلاتى ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە چېگرا ئاھالىسى، چېگرا ساياھىتى، چېگرا سودىسى قاتارلىقلارغا زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.
18 - ماددا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك تۇتىشىپ كەتكەن جايلار، باشقۇرۇش گىرەلىشىپ كەتكەن رايونلاردا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە مۇرەسسە تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە مۇرەسسە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك دائىرىسىدىن ھالقىغان زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشىغا ۋە ئۇنى تۈگىتىشىگە ئىلھام - مەدەت بېرىلىدۇ.
19 - ماددا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنى ئۆلچەملىك قۇرۇپ، خەلق مۇرەسسە خادىمى، دائىرە خادىمى، كەنت (مەھەللە) جەمئىيەت خىزمىتى خادىمى، قانۇن مەسلىھەتچىسى، پىدائىيلار، قانۇننى چۈشىنىدىغانلار، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىشتىكى ئۈلگىلىك ئائىلە قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك.
20 - ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، قانۇن ئىلمى جەمئىيىتى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ماجىرالارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
21 - ماددا ئەمگەك - كادىرلار ئىشلىرى تالاش - تارتىش كېسىم ئاپپاراتى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتى، ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى كېسىم ئاپپاراتى كېسىم - مۇرەسسە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېسىم - مۇرەسسە قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېسىم - مۇرەسسە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
22 - ماددا ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ساھە خاراكتېرلىك، كەسپىي خاراكتېرلىك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇرۇپ، ساھە، كەسىپ دائىرىسىدىكى ۋە مۇئەييەن تىپتىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جەمئىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قاتارلىقلار قانۇن بويىچە سودا ئىشلىرى مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، خەلقئارا سودا قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقىدارلارغا بازارلاشقان سودا ئىشلىرى مۇرەسسە مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.
3 - باب ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش
23 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چوڭ - چوڭ تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىشى كېرەك.
24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چوڭ - چوڭ مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش بويىچە خەۋپ - خەتەرنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى باھالاشنى چوڭ - چوڭ تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئالدىنقى تەرتىپى قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم يىرىك پىلان، چوڭ - چوڭ ئاممىۋى سىياسەت ۋە تەدبىر، چوڭ - چوڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى باھالىشى كېرەك.
25 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە مەخسۇس بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، قەرەللىك تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىشى، خەۋپ - خەتەر ئەسكەرتمىسى بېرىشى كېرەك.
ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار زىددىيەت - ماجىرالارنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، قەرەللىك تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان ئاممىۋى ۋەقە كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ماجىرا ياكى ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلوسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار ماجىرالارنى مەسئۇل تارماق ياكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
26 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار جەمئىيەت پىسخىكا مۇلازىمىتى سىستېمىسى ۋە پىسخىكا كىرىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ۋاقتىدا پىسخىكا جەھەتتە راۋانلاشتۇرۇش، تەسىر كۆرسىتىش مۇلازىمىتى قىلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ زىددىيەت - ماجىرالاردىكى ئالاقىدارلارغا پىسخىكىلىق يېتەكلەش پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
27 - ماددا ئالاقىدارلار قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى يوللارنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئارقىلىق زىددىيەت - ماجىرانى تۈگەتسە بولىدۇ:
(1) كېلىشىش؛
(2) مۇرەسسە قىلىش؛
(3) مەمۇرىي قارار چىقىرىش؛
(4) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش؛
(5) كېسىم قىلىش؛
(6) دەۋا قىلىش؛
(7) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار.
28 - ماددا ئالاقىدارلار تەننەرخى تۆۋەنرەك، تېز، ئۈنۈملۈك بولغان، مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان دەۋادىن باشقا ئۇسۇلنى ئالدىن تاللاش ئارقىلىق زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ.
29 - ماددا مۇرەسسە تەشكىلاتى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن مۇرەسسە قىلسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلاردىن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. مۇرەسسە قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىغان زىددىيەت - ماجىرالاردا، مۇرەسسە تەشكىلاتى ئالاقىدارلارغا مەسلىھەت ۋە پىكىر بېرىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق يول بىلەن ھەل قىلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ.
مۇرەسسە تەشكىلاتى مۇرەسسە قائىدىسى، تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىش بېجىرىش سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئېلان قىلىپ، ئالاقىدارلارنى ئېنىق، قولايلىق يول بىلەن يېتەكلىشى كېرەك. مۇرەسسەچى مۇرەسسە قىلىشتىن ئاۋۋال ئالاقىدارلارغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
30 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ياكى قانۇن - نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار مەمۇرىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ - سودا ماجىرالىرىنى ياكى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تالاش - تارتىشلارنى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە مەمۇرىي مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ بايلىق ئېچىش، مۇھىت بۇلغىنىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ماجىرالار شۇنىڭدەك كۆپرەك ئادەمگە چېتىلىدىغان، تەسىرى چوڭراق بولغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.
ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى مەزمۇنى بولغان زىددىيەت - ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ.
31 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ياكى قانۇن - نىزامدا ھوقۇق بېرىلگەن جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار مەمۇرىي باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ ماجىراسىنى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن قانۇن - نىزامدا بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە كېسىم قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي كېسىم قىلىش جەريانىدا ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
32 - ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش دېلولىرىنى بېجىرگەندە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا قۇتقۇزۇش يوللىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
33 - ماددا گۇڭئەن ئورگىنى جىنايى ئىشلاردا كېلىشىش شەرتىگە توشىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسى ۋە مۇرەسسە قىلىشقا بولىدىغان ئامانلىق دېلوسى، يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى تالاش - تارتىشىدا ئالاقىدارلارنى كېلىشىشكە ياكى مۇرەسسە قىلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ؛ جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئاممىۋى ۋەقە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان شۇنىڭدەك جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا زىددىيەت - ماجىرالاردا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئاممىۋى مەنپەئەت دېلوسىنى بېجىرىش جەريانىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىدارلارغا كېلىشىش ياكى مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىددىيەت - ماجىرانى تۈگىتىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.
34 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىنغان ھەق تەلەپ - سودا ماجىراسى، مەمۇرىي تالاش - تارتىشتا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا خەۋپ - خەتىرىنى ئۇقتۇرۇپ، ئالاقىدارلارنى مۇۋاپىق يولنى تاللاپ ھەل قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. مۇرەسسە قىلىشقا ماس كەلسە، قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىسىمۇ، مۇرەسسە تەشكىلاتىغا ھاۋالە قىلىپ مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە قاراپ چىقىشى كېرەك.
دېلو ئېچىلغان ھەق تەلەپ - سودا دېلوسىدا، ئالاقىدارلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىشقا بولىدۇ، مەمۇرىي ئورگان، ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇرەسسە تەشكىلاتى، ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇرەسسەچى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇرەسسەچىگە مۇرەسسە قىلىشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
35 - ماددا ھەق تەلەپ - سودا كېسىم ئاپپاراتى ماجىرا ئۈستىدە كېسىم چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدارلارنى كېلىشىشكە ياكى مۇرەسسە قىلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
ئەمگەك - كادىرلار ئىشلىرى تالاش - تارتىشى كېسىم ئاپپاراتى ۋە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان ماجىرالارنى ئاۋۋال مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
36 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئالاقىدارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئەمما تالاش - تارتىش بار ئىشلاردىن مۇرەسسە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى ئاۋۋال مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسا، ھەقدارلىق ھۆججىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى قانۇن بويىچە بېجىرسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، ئالاقىدارلارنى ماجىرانى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
37 - ماددا ھەر دەرىجىلىك زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى كۆپ ئورۇنغا چېتىلىدىغان، مەمۇرىي باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان، رايون، تارماق، ساھە ھالقىغان ياكى چوڭ، قىيىن، مۇرەككەپ زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنى تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
38 - ماددا مۇرەسسە تەشكىلاتى ياكى مۇرەسسە خادىمى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلارنىڭ يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە ياكى 3 - كىشىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىسا، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبىنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.
39 - ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە قاتارلىق مۇرەسسە جەريانىدا تالاش - تارتىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، مۇرەسسە تەشكىلاتى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدارلار نەق مەيداندا ئادا قىلغان ياكى بىردەك مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى چىقىرىش ھاجەتسىز دەپ قارىغان بولسا، مۇرەسسە تەشكىلاتى دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇشى ھەمدە ئالاقىدارلار ئىمزا قويۇشى كېرەك.
ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسا، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھەقدارلىق ھۆججىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
40 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش - مەسئۇلىيىتى بار ئاساسىي گەۋدىلەر ئۆزىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ياكى ھاۋالە قىلىپ مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان كېلىشىش كېلىشىمى، مۇرەسسە - كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ۋە قايتا زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى جەزىملەشتۈرۈپ، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
4 - باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش
41 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
42 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېزا - بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)نىڭ مۇرەسسە خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، مۇرەسسە كۈچلىرىنى تولۇقلىسا بولىدۇ.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە ئادىل، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان، مۇرەسسەگە قىزىقىدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان جەمئىيەتتىكى زاتلارنىڭ، كەسپىي خادىملارنىڭ شۇنىڭدەك قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مۇرەسسە خادىمى بولۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شەخسىي مۇرەسسە ئىشخانىسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
43 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مۇناسىپ ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
44 - ماددا ھەر دەرىجىلىك زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى زىددىيەت -ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدارلارغا بىر پونكىتتا زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
45 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلار زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىشكە دائىر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، يۇغۇرۇپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۆلچەرلەش، تاللاش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
46 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چەت ئەلگە چېتىشلىق سودا ساھەسىدىكى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقئارا كېسىم مەركىزى، خەلقئارا سودا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تالاش - تارتىشنى بىر پونكىتلىق، خەلقئارالىق، قولايلىق ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا سودا كېسىمى، خەلقئارا سودا مۇرەسسەسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىشى كېرەك.
47 - ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇرەسسە تەشكىلاتى ۋە مۇرەسسە خادىملىرىغا بولغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇرەسسە خادىملىرى كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش، چەتلەپ تۇرۇش ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مۇرەسسە تەشكىلاتى ۋە مۇرەسسە خادىملىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.
48 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
49 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلار زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئامانلىق قۇرۇلۇشى بويىچە باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
50 - ماددا زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، جاۋابكارلىقى بار رەھبىرىي خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا؛
(2) مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماي، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان دېلو (ۋەقە) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(3) زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتى بار تۇرۇپ، ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا؛
(4) زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا تۈگەتمەي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(5) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.
ئالدىنقى 2 -، 4 - تارماقتىكى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
51 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا ھەرىكەتلەردە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ.
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
52 - ماددا بۇ نىزام 2025 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)