شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، «ئالتاي تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت مەركىزى» ھەم «بۇرچىن، كۆكتوقاي تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت پونكىتى» تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت بايلىقىغا ئىگە رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي ۋىلايىتى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەشيا ئوبوروتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنى تولۇق زەنجىرلىك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن شىمالىي شىنجاڭنى قاپلىغان تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلماقتا.
بۇ، شىنجاڭنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.
ھازىر تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭىچە ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. شىنجاڭ دىققەتنى بۇ پۇرسەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئىگىلىدى، يېڭى بوشلۇقنى ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ يىل، تىيانشاننىڭ شىمالىدا تۆۋەن بوشلۇق ساھەسىدىكى بىر مەيدان ئۆزگىرىش ئاستا - ئاستا قانات يايدۇرۇلماقتا.
5 - ئايدا، قاراماي تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت مەركىزى، ئىلى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت «بىر مەركەز، ئىككى پونكىت»نىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات جان تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى.
«بۇ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت ئاپپاراتى.» شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ دۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمىتى كاپالەت سۇپىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇشنى تېخنىكا مەدىتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى كەسپىي، مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەش پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۆپلىگەن يۆنىلىشلىرى ئىچىدە، تۆۋەن بوشلۇق ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭنىڭ «ھاۋا يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە تاشقى ئالاقىدىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان.
5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تيەنيى تۆۋەن بوشلۇق ئەشيا ئوبوروتى تىجارەت مەركىزى سېتىۋالغان داجياڭ FlyCart30 تىپلىق تۆت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12 - شى 104 - تۈەندىكى «ئاققۇ يۇرتى»دا سىناپ ئۇچۇشنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
بۇ قېتىم تاپشۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تۆۋەن بوشلۇقتا توشۇشنى دائىملىق يۈرۈشتۈرۈشتە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا يۈك قاچىلاپ سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور بۆسۈش بولۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانا رايونلىرى ئارىسىدا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تېز يۆتكەپ توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاتولوگىك كەسلەنمىسى ۋە قان سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش شارائىتى ھازىرلانغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ، ئاغرىقلار ئۈچۈن قىممەتلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋاقتىنى تېجەپ بەرگىلى بولىدۇ.
بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تيەنيى تۆۋەن بوشلۇق ئەشيا ئوبوروتى تىجارەت مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىستېرېئولۇق ئەشيا ئوبوروتى تورى تىرىشىپ بەرپا قىلىنىپ، يېڭى سوغۇق زەنجىر، داۋالاش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئاخىرقى ئۇچنى جىپسىلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
شىنجاڭ تيەنيى خەلقارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۇلتۇز ئازاتبېك مۇنداق بىلدۈردى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئۇزارتىپ، بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، تىك ئۇچۇپ قونۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك تۈگۈن نۇقتىلىرىنى تولۇق قاپلاشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، «ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى + داۋالاش، ساغلاملىق+ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى» دائىملىق تىجارەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىمىز.
شىنجاڭدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك 18 ساياھەت مەنزىرە رايونى بار بولۇپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئىسسىق ھاۋا شارىنى ئاساس قىلغان بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش مۇلازىمىتى شەكىللەندى، 16 تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلىپ، نارات يايلىقى، سايرام كۆلى قاتارلىق يادرولۇق مەنزىرە رايونلىرىنى قاپلىدى، 2024 - يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 22 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
شىنجاڭ 2035 - يىلىغا بارغاندا، A2 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن 98نى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ھازىر 27 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ۋە ئايروپىلان قاتنىشى بويىچە 79 ئۇچۇش - قونۇش نۇقتىسى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.