شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 242 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ساپ يورۇقلۇق ۋولت بازىسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا قۇرۇلغان 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بەشكە يەتكەن.
قەشقەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەتتىن ئاشىدۇ، بىپايان چۆل - جەزىرە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇشنى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇردى. ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە ۋاقىت پەرقى بولغاچقا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى دەل ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنىڭ كەچلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلى (تەخمىنەن ئىككى سائەت)دىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەمچىل بولۇش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تولدۇرالايدۇ.
يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئەسلىدىكى تۇراقسىزلىقىغا قارىتا، قەشقەر ۋىلايىتى تارىم دەرياسىنىڭ مول سۇ سىستېمىسىغا تايىنىپ، چوڭ تىپتىكى سۇ - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاش بازىسى قۇرۇپ، شامال، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش، سۇ - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش، سۇ، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى ئېنېرگىيەنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون 967 مىڭ 500 كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %49.9ىنى ئىگىلىدى، تور تەشكىللەش تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى قوللىنىش گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
ئېلېكتىر مەنبەسى تەرەپتە، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ تېز ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن تورغا ئۇلاش ۋە ئىشلىتىش بېسىمىغا قارىتا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «پەسىل بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، ئاي بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەپتە بويىچە ماسلاشتۇرۇش، كۈندە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، كېيىن باھالاش» خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە «ئۇلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۇلاش، ئۇلاشقا بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئۇلاش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئېلېكتىر تورى تەرەپتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تارىمنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق تور رامكىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، غول ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسىنىڭ ئۇلاش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن ئېنېرگىيە «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى» بەرپا قىلدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 26 مىليون 880 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 - ئايدىكى يەككە ئايلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 18 مىليون 370 مىڭ كىلوۋات بولدى. تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق ئايلانما تورنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.