تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىش توختاپ قالمىدى، تۈر بىرىنچى سېپىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ھەرقايسى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە نامايان بولدى، قۇرۇلۇشچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشنى قەلەم قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شەرقىي تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى يادرولۇق رايونىنىڭ يەر ئاستى زاۋۇت ئۆيىدە ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، نۆۋەتتە ئاساسىي زاۋۇت ئۆيى ئۇل ئازگىلىنى قېزىش قۇرۇلۇشى 5 - قەۋەتكىچە ئالغا سىلجىتىلدى، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا قېزىش مەشغۇلاتىغا يۆتكەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرىقى سۇ ئامبىرىغا سۇ باشلىغاندا ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسما قۇدۇقى قۇرۇلۇشى پات ئارىدا تاماملىنىپ، يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.

قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈگۈن قۇرۇلۇشى يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى، تۆۋەنكى سۇ ئامبىرى، سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسى، يەر ئاستى زاۋۇت ئۆيى سىستېمىسى ۋە كەيگۇەن پونكىتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى فېڭ شۇبياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈرنىڭ 20گە يېقىن مەشغۇلات بۆلىكىدە ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىندى، يەككە ئايدا يەككە ئۆڭكۈرنى قېزىش سۈرئىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 150 مېتىرغا يەتتى. ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئېقىن سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۆڭكۈرىدە، «توجياڭ ناملىق» قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى سىجىل قازدى، ناچار گېئولوگىيەلىك شارائىتقا قارىتا، تېخنىكلار سىم تور تارتىپ لەڭگەر دەستىسىگە سېمونت پۈركۈپ تىرەك قويۇش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق قورشىما جىنسنى مۇستەھكەملىدى، ھەم قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.

جۇڭگو قاتنىشى 1 - سۇ قاتنىشى قۇرۇلۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۇڭفاڭ ئېلېكتىرو گۇرۇھىنىڭ مورى 1 مىليون كىلوۋاتلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسى شامال ئېلېكتىر مەيدانى تۈرىنىڭ 3 - بەلگە بۆلىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى ئۇلىغا بېتون قۇيۇش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلدى. شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار 120 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار چوققىسىغا يامىشىپ چىقىپ، گېنېراتورلار بۆلۈمچىسى بىلەن چاقپەلەكنى دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك گۇرۇھىنىڭ مورى 1 مىليون كىلوۋاتلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسى شامال ئېلېكتىر مەيدانى تۈرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى شامال كۈچى گېنېراتورى گۇرۇپپىسى ۋە ئاساسى، ساندۇقسىمان تىرانسفورموتور پونكىتى ۋە ئاساسى، مەيدان ئىچى - سىرتىدىكى يول ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەر، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش سۇپىسى، توك يىغىش لىنىيەسى، تۈر قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە تۈر شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، بايرام مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.

G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى تۈرىنىڭ 1 - بۆلەك قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار بېتون قۇيۇش، پولات چىۋىق باغلاش، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، تۈر بۆلۈمىمىز تەپسىلىي قۇرۇلۇش پىلانى تۈزدۇق، بايرام مەزگىلىدە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سېلىنمىسىنى تېخىمۇ زورايتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق.» موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولىنىڭ 1 - بۆلىكى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاۋ باۋجېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈر ھالقىلىق قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يول ئۇلىنى تىندۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

دۆلەت يولى 218 - لىنىيەسىنىڭ نارات - بالغۇنتاي تاشيول تۈرىنىڭ ئەكىن تونېلىدا قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئۇزۇن بىلەكلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قاچىلاش ماشىنىلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇشچىلار ئۇچىسىغا نۇر قايتۇرۇش جىلىتكىسى، بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا جىددىي، تەرتىپلىك ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

نارات - بالغۇنتاي تاشيول تۈرى 5 - بۆلىكىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جىشياڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمىمىز يېتەرلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ ۋە ئاسراپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى 24 سائەت ئىش ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە نارات - بالغۇنتاي تاشيول تۈرىگە يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى %20كە يېقىن تاماملاندى.

لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ مىرەندىن لوپنۇرغىچە بولغان بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، رېلىس ياتقۇزۇش ماشىنىسى 500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېلىسنى رېلىس ئوقۇرىغا سىلىق كىرگۈزدى، شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تۆمۈر يول − لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلماقتا.

رېلىس ياتقۇزۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ مىرەندىن لوپنۇرغىچە بولغان بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، قۇرۇلۇش قىلىش تارماقلىرى يېڭى تىپتىكى ئۇزۇن رېلىس ياتقۇزىدىغان ماشىنا گۇرۇپپىسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ، رېلىس ياتقۇزۇش ئۈنۈمى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، يەككە كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ياتقۇزۇلغان رېلىس ئۈچ كىلومېتىرغا يەتتى.

«بىز يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇم بورانلىق ھاۋارايى، گىرەلەشمە مەشغۇلاتنىڭ كاشىلىسى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق يول ئۇلىنى تىندۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئۇزۇن رېلىس ياتقۇزۇشقا پايدىلىق شارائىت ياراتتۇق. كېيىنكى باسقۇچتا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولى رېلىس ياتقۇزۇش تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خەييەن.

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى شىخەنزە مەدەنىيەت مەركىزى تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، تۈرلۈك مەشغۇلاتلار ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، 200دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى تورۇسقا كىل ئورنىتىش، تام تاختا ماتېرىياللىرىنى قۇراشتۇرۇش، تۈرلۈك تۇرۇبىلارنى ياتقۇزۇش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

«ھازىر بىز <100 كۈن غەيرەت بىلەن ئىشلەش> ئەمگەك مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، تۈر باشقۇرۇش كوللېكتىپى ھەرقايسى ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇش رايونلىرىغا چۈشۈپ ھەيدەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، <ھەممە ئادەمنىڭ زىممىسىدە كۆرسەتكۈچ بولۇش، ئېغىر يۈكنى كۆپچىلىك كۆتۈرۈش>تەك ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى» دېدى تۈر مەسئۇلى ليۇ يەنفېڭ. شىخەنزە مەدەنىيەت مەركىزى تۈرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مۇزېي ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سودا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ ئىچى - تېشىنى بېزەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيىنى تاپشۇرۇش نىشانىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماقتا.

چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىش رايونىدىكى يوللاردا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، مىڭغا يېقىن قۇرۇلۇشچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆڭكۈرلەرنى بېتون بىلەن تۈزلەش، توسما تاختىسى قۇرۇلۇشى، ماشىنا، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، بېزەش، زىننەتلەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، چۈشۈرگىنى چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش نىشانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

«مۆلچەرلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن ئوتتۇراھال تۆشۈكلۈك كەلكۈن قويۇۋېتىش، قۇم چىقىرىۋېتىش ئۆڭكۈرى، چوڭقۇر تۆشۈكلۈك قۇم چىقىرىۋېتىش ئۆڭكۈرى، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش سىستېمىسى قاتارلىق ئۆڭكۈر سىستېمىسىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قۇرۇلۇشتا ئۆز قەرەلىدە چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گېجوۋبا شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتى چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى گاۋ جيەنفۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.