تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇل مۇئامىلە گۈللەندى، شاھمات كۆزى جانلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت شاھمات كۆزىنى جانلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش ئاساسىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈشتە. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تومۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەدىتى سىياسىتى بىلەن تەمىنلەپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، دەل جايىدىلىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما»نى تېز بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى.

پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىسىگە قەدەم قويدى.

پەرقلىق سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىلدى

پۇل مۇئامىلە مەبلىغى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئاساسى ئاجىز، بازارنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پۇل مۇئامىلە كەسىپلەرنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆزگىچە يول تۇتۇشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، پەرقلىق سىياسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى يېرىم يىلدىلا، ئون پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئارقا - ئارقىدىن مەخسۇس تۈر سىياسەتلىرىنى چىقاردى. بۇ ئاپپاراتلار باش بانكىنىڭ سىياسەت مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، جەدۋەل ئىچى - سىرتىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، مەخسۇس تۈر ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سوممىسى تەسىس قىلىش، قەرز پۇل كۆلىمىگە تولۇق سوممىلىق كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپلەرنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىش، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاشقا مايىللىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭغا بايلىق جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى پەرقلىق سىياسەتلەر تىزىملىكى» قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتتى. 1 - پەسىلدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيتكەن تۈرلۈك قەرز پۇلى 6 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %10.4 بولدى.

جۇڭلۈديەن چاقىلىق 4 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. 2023 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئىچكى قىسىمدا بانكىلار بىرلىشىش شەكلى ئارقىلىق بۇ تۈر ئۈچۈن 6 مىليارد يۈەن قەرز پۇل بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %38ىنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ تۈردىكى قەرز پۇلنى تەستىقلاشقا ئادەتتە بىر - ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ؛ بۇ تۈرگە قارىتا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېشىل يول ئېچىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئالدىن تەستىقلاپ، ئالدىن يىغىنغا قويۇپ، ئون كۈندىلا تەستىقلاپ ئىناۋەت بېرىشنى تاماملىدى.

نۆۋەتتە بۇ تۈردە 3 مىليارد 430 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئېلىندى. قەرز پۇلنىڭ مەدىتىدە، دۆلىتىمىزدىكى يەككە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تولۇق سىغىم بويىچە رەسمىي ھالدا سودا خاراكتېرلىك يۈرۈشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى.

1 - پەسىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 32 مىليارد 730 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى؛ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى 1.7 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، يۈزەكى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا يىللىق ئېشىش نىسبىتى %20.4 بولدى.

3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 672 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ بىرلا خىل بولۇشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقى سېلىنمىسىنى ئۇزاقتىن بۇيان چەكلەپ كېلىۋاتقان بوغما ھالەتلەرنىڭ بىرى. قەرز پۇل بېرىشتىن باشقا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەنە سېلىنما - قەرز پۇل ھەمتۈرتكىسى، فوند بىۋاسىتە مەبلىغى، زايوم تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىللاشقان، كۆپ يول ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سېلىنما ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەرز جەھەتتىكى بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى شىددەت بىلەن ئاشتى.

2024 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى تارقاتقان قەرز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالى 1 مىليارد 756 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %251.2 ئاشتى، شىنجاڭ بويىچە قەرز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالى تارقىتىش سوممىسىنىڭ 2023 - يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 211.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2023 - يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.

«شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زايوم تارقىتىش رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ موتورى ۋە تېزلەتكۈچىسى.» قەرز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ رولىغا قارىتا، ئاقسۇ ۋىلايىتى لۈسې ئوقەتچىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ياڭ ياڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر.

2013 - يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ شىركەت جەمئىي 28 زايوم تارقاتقان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 23 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. مەبلەغنىڭ ھەممىسى سۇچىلىق، قاتناش، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىپ، يەرلىك ئۈچۈن غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

مەسىلەن: 30 مىليون يۈەن مەبلەغ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆگە سۈتى كەسپىگە مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىپ، بۇ كەسىپنى شۇ جاينىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇردى؛ 230 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇسەللەس كەسپىگە سېلىنىپ، شۇ جاينىڭ كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇش، زامانىۋىلاشقان ئېچىتىش ھۈنەر - سەنئىتىنى قوللىنىش، مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشتى.

پەرقلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى خۇددى تېزلەتكۈچلەرگە ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى تېز ئاشۇردى. ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان پۇل مۇئامىلە مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىخىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ساغلام ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرمەكتە.

كۈچەش نۇقتىسى دەل جايىدا تېپىلدى

كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى

ياخشى پولاتنى جايىدا ئىشلىتىش، پۇلنى ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك.

جەنۇبىي شىنجاڭ شىمالىي شىنجاڭنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسىغا ئىگە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەر، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، غەربكە ئېچىۋېتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇل مۇئامىلىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى.

«بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش + قەرز پۇل بېرىش»تىن ئىبارەت قوش قوللاش نيۇ يەنچىڭنىڭ شىركىتىنىڭ سېتىش نەتىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىنى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش مەزگىلىدىن قۇتۇلدۇردى.

نيۇ يەنچىڭ ئاقسۇ شىيۈ نيۇنيۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، ئاقسۇ تارىم يېزا سودا بانكىسىنىڭ 1 مىليون يۈەنلىك قەرز پۇل مەدىتىدە، بۇ شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى سېتىش سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %67 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇردىن بۇيان، بۇ بانكا يەنە تۆت قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىپ، بۇ شىركەتنىڭ جەمئىي 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

«بىز ھازىر 4 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى نيۇ يەنچىڭ.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىرى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 403 مىليارد 582 مىليون يۈەن، يېشىل قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 114 مىليارد 849 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 17 مىليارد 82 مىليون يۈەن ۋە 6 مىليارد 948 مىليون يۈەن ئاشتى.

ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

4 - ئاينىڭ ئاخىرى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر نۇقتىلىق توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا 200 مىليون يۈەن قەرز پۇل بېرىپ، بۇ كارخانىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىغا مەدەت بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بانكىنىڭ 600 مىليون يۈەنلىك قەرز پۇل مەدىتىدە، بۇ كارخانا خەلقئارا بازارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، مەھسۇلاتلىرىنى بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتتى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدا خەلق پۇلى ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بانكا كەسپى قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتتىكى ئالتە سودا بانكىسى ئۈچۈن ئوخشاش كەسىپلەر ئارا مۇئامىلىدارلار خەلق پۇلى ھېساباتىنى ئېچىپ بەردى. 2024 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كىرىم - چىقىمى 2023 - يىلىدىكىدىن %167.03 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىگە سېلىشتۇرغاندا 145 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 55 مىليارد 35 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.37 ئاشتى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق «2 < 1 + 1» ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەبلەغ مەدىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مۇجەسسەملىنىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى تەدرىجىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

ئاجىز تۈرلەر تولۇقلاپ كۈچەيتىلدى

«بەش چوڭ ئىش» ياخشى ئىشلەندى

ئامانەت - قەرز پۇل نىسبىتى يەنى بانكا قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئامانەت پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى كۆپ ھاللاردا بانكىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا تىرەك بولۇشىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئامانەت - قەرز پۇل نىسبىتىنى بىر مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بانكا كەسپىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولدى.

3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ئامانەت - قەرز پۇل نىسبىتى %81.44 بولۇپ، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى باش بانكا بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئۇدۇللىشىشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىملىق قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ساھە ياكى رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەخسۇس تۈردىكى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى سىجىل بېيىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق 15 تارماق «شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىدىكى <بەش چوڭ ئىش>نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، 22 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى ۋە رەقەملىك پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ ئىش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى ئاساسىي قوشۇن. جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى، بىڭتۇەن يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان ئامانەت - قەرز پۇل نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ نۇقتىلىق تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، «مىقدار + خاراكتېرىنى بېكىتىش» بويىچە باھالاش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەم بىڭتۇەننىڭ مەخسۇس تۈردىكى ئىستاتىستىكا تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

قەرز پۇل مەھسۇلاتىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆپ ھاللاردا چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «مۇمكىن بولماسلىق»نى «مۇمكىن بولۇش»قا ئايلاندۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەلىرىدە تۇنجى قېتىملىق دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالىدىغان «نەشپۈت قەرز پۇلى» ھەمدە «چېگرا قوغدىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئېتىبارلىق قەرز پۇل» «شىنمېي قەرز پۇلى» «يورۇقلۇق ۋولت قەرز پۇلى» «پورت كەسىپلەر رايونىغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل» قاتارلىق كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تېخىمۇ كۆپ قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «پاي، زايوم، مەبلەغ، سۇغۇرتا» قاتارلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەررەركى، پۇل مۇئامىلىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.