تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى كۆرسىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مايگۈل ئايتقازى خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا شىنجاڭ» − 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 - يۈرۈش، 3 - يۈرۈش ۋە 4 - يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلدى.

پۈتكۈل كېچىلىك ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇقەددىمە «بايراملىق بەخت تىلەش»، 1 - بۆلەك «بايرام شادلىق ناخشىسى − تۇرمۇشىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى»، 2 - بۆلەك «ئانارگۈلى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە يەر گۈزەل تۈسكە كىردى»، 3 - بۆلەك «تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا ھەممە نەرسە يېڭىلاندى» ھەم خاتىمە «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا شىنجاڭ»دىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىندى.

شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى سېرك ئۆمىكى قاتارلىقلار كېچىلىكتە ئويۇن قويۇش ئاساسىي گەۋدىسى بولدى، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرى - ئۆمەكلىرى، جەمئىيەتتىكى سەنئەت ئاپپاراتلىرى ماسلىشىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى. كېچىلىككە شىنجاڭدىن چىققان داڭلىق سەنئەتكارلار ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى سەنئەتكارلار ئويۇن كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىندى، بۆلەكلەرنى لايىھەلەشتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىپ، كۆپ خىل سەنئەت ئىپادىلەش شەكلىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ھەربىر بۆلەك، قىسىمنى مۇستەقىل مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ ھەم زىچ باغلاپ، ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان سەنئەت شەكلى ئارقىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى دەۋردىكى گۈزەل شىنجاڭنىڭ قىياپىتى نامايان قىلىندى.

خەلق چالغۇلىرى تەڭكەش قىلىپ ئورۇنلانغان «دۆلەت مەدەنىيەت تۈسىگە تولغان تىيانشان»، نادىر سېرك نومۇرى «توغراق روھى»، ئۇسسۇل «راۋاب ئىشقى» ۋە كېچىلىكتىكى يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان مۇزىكىلىق ئۇسسۇل «ئىزدەش» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار تاماشىبىنلارنى ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ دەپ ئاتالغان ئالتاي تېغىدىن ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىگە، تۈمەنلىگەن ئاتلار چېپىپ يۈرگەن جۇڭغار ئويمانلىقىدىن بوستانلىق بىلەن ئورالغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئېلىپ كەلدى.

كېچىلىكنىڭ باش رېژىسسورى جۇ يەن مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىم بىز يېڭى شەكىل، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نومۇرلاردا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلىمىنى ئىلھام ۋە ئىچكى يادرو قىلىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىلغان بىر مەيدان قۇربان ھېيتلىق كېچىلىكنى ئېلىپ كەلدۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.