تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىدائىيدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تايانچىسى» بولۇشقىچە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما جىڭجىڭ

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قويلۇق يېزىسىنىڭ يالغۇز دەرەخ كەنتىدىكى «ئەتكەنچاي ئىچكەچ پاراڭلىشىش نۇقتىسى»دا، بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى ئەتكەنچاي ئىچكەچ يالغۇز دەرەخ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى داچېنغا يېقىندىن بۇيانقى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك باش قېتىنچىلىقلىرىنى ئىنكاس قىلدى. لى داچېن ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ئارقىدىن كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى مۇناسىپ ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

ئەتكەنچاينىڭ خۇش ھىدى تارالدى، كۈلكە - چاقچاقلار ياڭرىدى. بۇ «ئەتكەنچاي ئىچكەچ پاراڭلىشىش نۇقتىسى» لى داچېن قاتارلىق كەنت كادىرلىرى بىلەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى جاي.

لى داچېن شەندۇڭلۇق بولۇپ، 2016 - يىلى نەنياڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندە تىزىملىتىپ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيسى بولۇپ، شىنجاڭ قومۇلغا كېلىپ خىزمەت قىلدى.

دەسلەپتە قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىغا كەلگەندە، لى داچېن يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. 2021 - يىلى 6 - ئايدا، لى داچېن قويلۇق يېزىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى.

قويلۇق يېزىسىدا خىزمەت قىلغان بىرنەچچە يىلدا، لى داچېن ھەرقايسى كەنتلەرگە بېرىپ، نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچى بىلەن دوست بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. 2022 - يىلى 4 - ئايدا، لى داچېن قويلۇق يېزىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. 2024 - يىلى ئۇ يالغۇز دەرەخ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى.

غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىدىن كەنت ياچېيكا شۇجىسى بولۇشقىچە، لى داچېن ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە قانداق قىلىپ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش بولدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مۇھىم خىزمەت ئىدى. لى داچېن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يالغۇز دەرەخ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خېبى شەھىرىدىكى نۇرغۇن كەنتتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزاسى مەركىزىي ئائىلىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

كۈچلۈك بەنزە بار بولۇپلا قالماي، يەنە ئېنىق تەرەققىيات نىشانى بولۇشى كېرەك. لى داچېن كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، يالغۇز دەرەخ كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ياچېيكىنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش» تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى. ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى تارىختىن قېپقالغان قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتتى.

كەسىپنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا كىرىمنى ئاشۇرۇپ خەلقنى بېيتقىلى بولىدۇ؟ لى داچېن نەزەرىنى خاس چارۋىچىلىق كەسپى − بىڭچا جۇلى(ئوغلاق)غا قاراتتى.

«ئوغلاقچىلىق چوڭ كەسپى» پىكىر يولى بويىچە، لى داچېن ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خاس چارۋىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «ليۇياڭياڭ» ماركىلىق بىڭچا جۇلىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كەنت باشقۇرۇشىدىكى كارخانا بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چارۋىچىلىق كەسپى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى. 2024 - يىلى، يالغۇز دەرەخ كەنتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قومۇل شەھىرى، جېڭجوۋ شەھىرى، خېبى شەھىرىدە 19 مەيدان قىشلىق سوقۇم مەدەنىيىتى ھەم بىڭچا جۇلىنى كېڭەيتىش - سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ليۇياڭياڭ ماركىلىق بىڭچا جۇلىدىن 5000دىن ئارتۇقنى سېتىپ، 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يالغۇز دەرەخ كەنتىنىڭ بىڭچا جۇلىسى جېڭجوۋ شەھىرى، خېبى شەھىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ياخشى كۆرىدىغان باھار بايرىمىلىق كاتتا سوۋغاتقا ئايلاندى.

2024 - يىلى، لى داچېن خېنەن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تېخنىكا كوللېكتىپىغا تايىنىپ، كەنتتە 45 مو تەجرىبە ئېتىزى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان خاسىڭ، قوناقنىڭ ھەر موسىدىن ئايرىم - ئايرىم %13، %15 ئارتۇق ھوسۇل ئېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇر يالغۇز دەرەخ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى ئەسلىدىكى 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكتىن ئېشىپ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت كۆپچىلىككە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى، يول چىرىغى ئورناتتى، مۇھىت تازىلىقىمۇ ياخشىلاندى» دېدى يالغۇز دەرەخ كەنتى ئاھالىسى مۇقامەتجان ئاسقابىل.

«بىپايان غەربىي قىسىمدا چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. مەن بۇ يەردە يىلتىز تارتتىم، چوقۇم كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن» دېدى لى داچېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.