2025 - يىلى مەركەز مالىيەسى 20 شەھەرنىڭ شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ
ئۈرۈمچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىردى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن 2025 - يىلى مەركەز مالىيەسى شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى قوللاش بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە نەق مەيداندا دىسسېرتاتسىيە قىلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، قوللايدىغان 20 شەھەر تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، مەركەز مالىيەسى بېرىدىغان ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان مەبلەغ ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى مەركەز مالىيەسى شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى قوللاشتا، ئاساسلىقى دىققەت ئۈلگە تۈر قۇرۇلۇشى ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تىرىشىپ ئۈچ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، كونا بۆلەك - رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ ياخشىلاپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان ئەندىزە، تەجرىبە شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم تىزىملىككە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىش ياردەم پۇل مەبلىغى مەدىتىگە ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يېڭىلاش ساھەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنىڭ دۆلەت قاتلىمىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 8 مىليارد 168 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 70 تۈرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «6+1» ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونى قۇرۇپ چىقىپ، تىرىشىپ ئۈچ چوڭ ئۆرنەك بەرپا قىلىدۇ. بىرىنچى، شەھەرنى يۇندى تۇرۇبا تورى بىلەن تولۇق قاپلاش ۋە «زاۋۇت، تورنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنىكى بەرپا قىلىدۇ. 152.4 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يۇندى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلاپ، ئاخىرقى ئۇچتىكى مۇئامىلىدارلارنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «زاۋۇت، تورنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە كەسپىي يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراشنى يولغا قويۇپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. ئىككىنچى، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم يېڭىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆرنىكى بەرپا قىلىدۇ. كونا شەھەر رايونىدىكى 27.4 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتە نۇقتىلىق بۆلەك رايونىغا قارىتا، «بىر بۆلەك رايونىغا بىر لايىھە» بويىچە يېڭىلاشنى يولغا قويۇشنى پىلانلايدۇ. ئۈچىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر يېڭىلاش ئەندىزىسى ئۆرنىكى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، تۈرلەرنى ۋاقتىدا زاپاس ساقلاش، ھاسىل قىلىش، تەدرىجىي يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە غەملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىدۇ. يەر ئىشلىتىش كاپالىتى ۋە تەستىقلاش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 2025 - يىللىق شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يىللىق تۈر يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈرلەرنىڭ ۋاقىت تۈگۈنىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىدۇ؛ ئۈنۈم باھالاش ۋە مەبلەغ باشقۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ ياردەم پۇل مەبلىغى ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ؛ يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ رايون دەرىجىلىك يېڭىلاش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، بۆلەك رايونلارنى پىلانلاش لايىھەسى ۋە تۈرلەرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ شەھەر يېڭىلاش يېتەكچى پىكرى ۋە نىزامىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىدۇ.






