□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
كۇچادىكى كۈسەن مەدەنىيەت سەپىرىدىن شاياردىكى ئانار گۈلى ئۇچرىشىشىغىچە، توققۇزتارادىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئاتۇشتىكى «يالقۇن كۆكى» دوستلۇقىغىچە... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلاش، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، چىن ھېسسىيات بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى.
قۇربان ھېيت كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنچىكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن بىرلىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى ئېلىپ كەلگەن كۇەيبەر ئېيتىشىشى، دۇتار بىلەن ناخشا ئېيتىش، خۇاڭمېي تىياتىرى قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، كەنت ئاھالىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، چاۋاك ئاۋازى، ئالقىش ساداسى ئۈزۈلمىدى.
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۇچا شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدىكى كادىرلار بۇ شەھەرنىڭ دۆڭقوتان بازىرى ئۇچقارا كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە «تۇغقانلىرىمنى ئېلىپ كۇچانى ساياھەت قىلىمەن . كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىمىز» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بىر توپ كىشىلەر كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنى سەيلە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى؛ كۈسەن مۇزېيىغا كىرىپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلدى. كەنت ئاھالىسى پەزىلىيە راخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن يۇرتۇمنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، بۇ يىللاردىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ».
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى مەھپۇللا ئابدۇراخماننىڭ ئۆيى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «ئەزىز مېھمان» − جىداۋيۈەن شۈ ۋېينى كۈتۈۋالدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، مەھپۇللانىڭ بالىسىغا يۈرەك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، شۈ ۋېينىڭ «ئىنىم، ھودۇقماڭ، بالىنىڭ ئىشىنى بىز بىرلىكتە ھەل قىلايلى» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدىن ئۇ ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. مەشىق مەيدانىدا، ئۇلار ناھايىتى ياخشى ماسلىشىدىغان سەپداشلار؛ تۇرمۇشتا، ئۇلار ئۆزئارا يار - يۆلەك بولىدىغان ئاكا - ئۇكىلار. «ئىشقا چىققاندا ئۇ يېتەكچىم، ئىشتىن چۈشكەندە مېنىڭ ئاكام.» مەھپۇللا شۈ ۋېي ئېلىپ كەلگەن تاۋۇزدىن بىر تىلىم يېگەچ مۇنداق دېدى: «ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمدا، ئۇ ماڭا ياردەم بەردى، ئۇ مېنىڭ تۇغقىنىم».
ئاقتۇ ناھىيەسىدە، ئاقتۇ بازىرى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىنىڭ 1 - شۇجىسى ما جىچياڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى گۈلنىسا ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم كەلدى. بۇ، ئۇلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 5 - قېتىملىق قۇربان ھېيت.
پار تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلىش، بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىشتىن بېيىش يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشكىچە، بەش يىلدا، ما جىچياڭ بىلەن گۈلنىسا ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
«ما شۇجى تۇغقىنىمدىنمۇ يېقىن، بۇ بەش يىلدا بىزگە ياردەم بېرىپ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى!» دېدى گۈلنىسا.
قۇربان ھېيت كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە بازىرى قىزىلنۇر كەنتى ئوخشاشلا ئىللىقلىققا تولدى.
توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تيەن شياۋچى سوۋغات ئېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئادىلە ئابدۇغېنىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، مۇڭداشتى. تيەن شياۋچى ئادىلەگە يەر ئوبوروت قىلىش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئائىت سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا ئىلھام بەردى.
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى خۇڭدۆڭ بازىرىدا، ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇ بازارنىڭ كۆكبۇقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىك بىر - بىرىنى قۇچاقلاپ ئەھۋال سورىدى، بىرلىكتە ھويلا - ئارانلارنى تازىلاپ، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىدى، چۈشتىن كېيىن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.
«تۇغقانلىرىم بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈپ، بۇ بايرامنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نۇرزات.
كەنت ئاھالىسى نۇربېك ماناي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم بېرىپ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈشى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغانغا ئوخشايدۇ!»
قۇربان ھېيت كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى لېي يۇڭچياڭ بالىسىنى ئېلىپ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى تاۋنىسالا كەنتىدىكى تۇغقىنى ئەخمەتجاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزدى. ئەخمەتجان بىر ئۈستەل ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يەپ، يېقىنقى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، ھېيت - بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلدى، ئادەتتە بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئەخمەتجان ئۇزۇن يوللۇق يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، دائىم ئۆيدە تۇرالمايتتى، لېي يۇڭچياڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلدى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئەخمەتجان يولغا چىققاندا خوتۇنى كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىندى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن لېي يۇڭچياڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى.
«بۇ بايرامدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى، بىز بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدۇق، چوڭلار شاھمات ئوينىدى، بالىلار پەي توپ ئوينىدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى» دېدى ئەخمەتجان.
جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، بۇ قۇربان ھېيتتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا بەخت تىلەپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى كۈيلىدى، ھەممە جاي خۇشال، ئىناق، ئىللىق كەيپىياتقا تولدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، سۇڭ ۋېيگو، بەي سۇجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شيا، ما يۈكۇن، گۈزەل ئابدۇرېشىت)