تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بۇ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بۇ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 101 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن 100 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سېتىشنى كۈچەيتىش، يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، تۆمۈريول زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «تىيانشان قار لەيلىسى» يۈك تىرانسپورت مۇلازىمىتى ماركىسىنى يارىتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروتىنى قاپلىغان، خېرىدارلارنىڭ زاكازلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر ئېلېكتىر، نېفىت، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت كۈچى ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ توشۇش ھالقىسىغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بەرپا قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك چوڭ خېرىدارلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كاسات، ئاۋات مەزگىلدىكى تىرانسپورت كۈچى، توشۇش مىقدارىغا ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق مال مەنبەسىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى. بازارنى پائال كېڭەيتىپ، ئوچۇق قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، قاچىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قاچىلاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى خېنەنگە كىرگۈزۈش قاتارلىق يېڭى تۈرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددە كەسپى ۋە توختام تۈزۈمىدىكى توشۇشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۈك ساندۇقىنى كۆپ خىل ئۇلاپ توشۇشتا «بىر تالون تۈزۈمى» بويىچە توشۇش مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توشۇش ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروتى خىراجىتىنى تۆۋەنلەتتى.

«شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددە كەسپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددە تۈرىدىن 11نى ئىمزالىدى، توختاملاشقان توشۇش مىقدارى 27 مىليون 693 مىڭ توننا بولدى، توختام تۈزۈمىدىكى توشۇش تۈرىدىن جەمئىي 179نى ئىمزالىدى، كېلىشىمدىكى توشۇش مىقدارى 47 مىليون 320 مىڭ توننا بولدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما چياڭ.

كېلىشىمدىكى توشۇش مىقدارىنى نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، ئاشلىق، مېتال رۇدىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تىرانسپورت، يۈك توشۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىستېمىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يۈك ئېلىپ ماڭىدىغان، يۈك ئېلىپ قايتىدىغان كۆپ نۇقتا ئايلانما پويىزلىرىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايلانما پويىزلارنىڭ «سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، لىق قاچىلاپ» توشۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە ھالقىغان يۈك پويىزى ۋە كۆپ مىقدارلىق بىۋاسىتە يۈك پويىزىنىڭ قاتنىشىنى تەشكىللەپ، توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدىن ئىبارەت «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» يول ئىقتىدارىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاساسىي يولىدا راۋان توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈرنى جەنۇبىي، شىمالىي يول ئارقىلىق توشۇشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بۇ يىللىق شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 39 مىليون 401 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.