تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»دىن ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭغا نەزەر

□جياڭ جۇڭپىڭ

10910 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى يەرشارى بويىچە قۇرۇقلۇقتىكى 10 مىڭ مېتىردىن تۆۋەن چوڭقۇرلۇقتا نېفىت - تەبىئىي گازنى بايقاشتىكى نۆل ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئېنىقلىقى»نى قوشتى؛

22.13 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى نەچچە مىليون يىللىق «يەرشارى جاراھىتى»نى كېسىپ ئۆتۈپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇز قىيالار بىلەن ئورالغان تىيانشاننى راۋان يولغا ئايلاندۇردى؛

247 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ توسمىسى شىددەتلىك كەلكۈننى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق شەيئىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېشىللىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى؛

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش، تىيانشاننى تۇتاشتۇرۇش، يېشىللىق بىلەن قۇملۇقنى ئوراش... ئەگەر قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق» شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن دېيىلسە، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردەك تارالغان «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى» شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تۈۋرۈكىنى تىكلىدى.

قاتناش «قان تومۇرى»دىن سۇچىلىق «جان تومۇرى»غىچە، ئېنېرگىيە «تاماق قاچىسى»دىن يىپەك يولى «ھېسابلاش جىلغىسى»غىچە... 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشلارغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى دەۋر مەنزىرىسىگە ئايلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭغا گۇۋاھ بولدى.

1

6 - ئايدىكى شىنجاڭدا چۆل - جەزىرىلەر قاتتىق ئىسسىپ كەتتى، قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا، نەچچە مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 2290 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلىدۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تومۇرى بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك سوقىدۇ.

دۆلەت ئېھتىياجىنى نىشان قىلىش، شىنجاڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش. شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغارنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 400 مىليون چىراغنى ياندۇرالايدۇ؛ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قورغاس باش پونكىتىدا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتتا، 450 كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، بىر ئائىلىنىڭ 900 كۈن ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە تەخمىنەن بەش مەخسۇس پويىز قاتناپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى سىچۇەن - چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ...

چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى خۇددى تۇپراققا ئويۇلغان تامغىغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ بۇرچى ۋە شان - شەرىپىگە گۇۋاھ بولماقتا.

شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدى بىلەن ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىق ئۈستۈنلۈكىدە گەۋدىلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، «تاغلارنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن، مىس، تۆمۈر بار، ئويمانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر بار». يېڭى ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈكى ئوخشاشلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، 1 مىليارد كىلوۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى، 4 مىليارد 200 مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %18ى، %26.9ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ خۇددى پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە خەزىنىسىگە ئوخشايدۇ.

بۇ «ئاساس»لارغا تايىنىپ، ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى شىنجاڭدا ئۇزارتىلدى − غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى تۆت غول لىنىيە مىڭ چاقىرىمنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، جەمئىي 1 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى تەمىنلىدى؛ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئۈچ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇردى؛ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 2021 - يىلىدىكى 40 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇشتىن شىددەت بىلەن ئېشىپ 2024 - يىلى 140 مىليون توننا بولدى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، شىنجاڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى تېز مۇستەھكەملىدى.

دەۋر دولقۇنىدا، شىنجاڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزىي رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. ئالاتاۋ پورتىدا، كېشەك كىران كېچە - كۈندۈز كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىپ تۇراتتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردە قايتىدىن گۇرۇپپىلىنىپ، جۇڭگو - ياۋروپا سودىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكىسى جۇلالىق نۇر چاچتى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇغدىيى بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ جايدا ھېساباتىنى ئۈزۈپ، سودا ئالاقىسىنىڭ گۈللىنىشىگە گۇۋاھ بولدى.

تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئۈچ پەللىنى ھالقىدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلاندى... دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم دەرۋازىسىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا سەھنىدە ئۆزگىچە نۇرىنى چاچتى.

چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى؛ شىنجاڭ ئەۋزەللىكى چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئاساسى. دەۋر مۇساپىسىدە، شىنجاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى سىياھ قىلىپ، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قەلەم قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدا، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات سەھىپىسىنى پۈتۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

2

ۋاقىت ئەڭ ياخشى گۇۋاھچى.

ئازادلىقتىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا، سانائەت يوق دېيەرلىك بولۇپ، ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخنىمۇ ياسىيالمايتتى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز يېشىل ھىدروگېن، ئاق ماي، لىتىيلىق باتارېيە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساپلا قالماي، يەنە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز رېكورتنى يېڭىلاپ، ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىۋاتىمىز.

تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان، دۆلەت ۋە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بۇ قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقانلىقىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى.

كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك. غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش بۇرغىسىنى چېلىشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇقەددىمىسىنى باشلاشقىچە، شىنجاڭ تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چوڭ قەلەم ئارقىلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەلەم تەۋرىتىپ چوڭ سىزما سىزىپ چىقتى.

چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ھەم دۆلەت دەرىجىلىك، ھەم شىنجاڭ دەرىجىلىك ماركا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تاپقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆسۈپ، بىپايان چۆل - جەزىرىلەردە مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ» «يۆنىلىش بەلگىسى»گە ئايلىنىپ، تەرەققىيات تومۇرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى، موتورنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

بۇ ھەربىر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان بۇ قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ كۈچ ئۇلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن بولغان.

شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىپ، دۆلەت ئىچى بازىرىغا بىۋاسىتە تۇتىشىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا بازارغىمۇ تۇتاشتى. چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى كۆۋرۈك، ۋاسىتە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ماللىرىنى شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش مۇساپىسىنى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقارتتى، لوپنۇر كالىيلىق تۇزىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن دۆلىتىمىز دۇنيادىكى كالىيلىق ئوغۇت باھاسىنىڭ «ئويمانلىقى»غا ئايلاندى... بىر چەت - ياقا رايون ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، تۈگۈن بەلبېغىغا ئايلاندى. چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپەيتكۈچى تەسىر ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇردى.

بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش، كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتەك بۇ قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرى شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سىجىل تۈردە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى تاۋلاپ، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ «يېڭىلىق» مىقدارى، «يېشىللىق» مىقدارى، «ئاقىللىشىش» مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسماندا، قەشقەر كۇڭتيەن ئۇچۇر كەسىپلەر باغچىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى «ئاسمان مەخپىي تىلى»نىڭ شىفىرىنى يەشتى؛ بىپايان قۇم دېڭىزىدا، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى نۆل كاربونلۇق قۇملۇق تاشيولى − تارىم قۇملۇق تاشيولى خۇددى ئۇزۇن ئەجدىھادەك ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغانىدى... ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل يېڭىلىق يارىتىش، يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق راۋاجلىنىش» داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشتىن ئىبارەت بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يېشىللىققا قاراپ گۈللىنىش» داۋامىدا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئاقىللىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش» داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتتى.

شىنجاڭ مۆجىزىلىرى چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى، نادىر قۇرۇلۇشلار، خەلق رايى قۇرۇلۇشلىرىغا تايىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋاقىتنى ساقلاپ تۇرماي، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى تىرىشىپ ياراتماقتا.

3

تەكلىماكان قۇملۇقىدا، جۇڭگو لۈفا گۇرۇھى شىنجاڭ جۇڭلۈديەن چاقىلىق 4 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى سېپى خۇددى كۆپكۆك دېڭىزغا ئوخشاش بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى يەككە گېنېراتورلار كۆلىمى ئەڭ چوڭ «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يورۇقلۇق ۋولت تۈرى قۇرۇپ چىقىلدى؛ تىيانشان تاغ چوققىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېگىز جىلغىدا كۆل ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى تۇنجى 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىلدى...

بىز ئىنسانلار ياراتقان بۇ قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرىگە يۈزلەنگىنىمىزدە قاتتىق ھاياجانغا چۆمىمىز، چەكسىز ھاياجانلانغىنىمىزدا، نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا يارىتىلدى! دەپ ئىختىيارسىز ھالدا سورىغۇمىز كېلىدۇ.

چۈنكى، شىنجاڭ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن. دۆلەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى مول توپلاشقان، «شامال»، «يورۇقلۇق» چەكسىز بولۇپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە ئىسمى - جىسمىغا لايىق «بايلىق كانى» بولغانلىقىدا.

تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى، بۇ، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئالاھىدە كۆيۈنۈش، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقى كۆزلەنگەن ماكرولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش.

چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى «كۈچلۈك موتور» «تېزلەتكۈچ» بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭ ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنى بىلەن نۇرغۇن چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ يۈكلەنگەن جايىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

توك ئېقىمى تومۇرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ دۆلەت ياسىغان چىشلىق چاقنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ قوزغاتماقتا؛ زور سانلىق مەلۇماتلار «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەنزىرىسىگە تۈس بەرمەكتە... مەيلى دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بولسۇن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ماكانلاشقان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بولۇپ، ھەربىر سۆز - جۈملىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە تۆھپە قوشۇش نامايان قىلىنغان.

«ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش»، «شامال» قوغلىشىپ «يورۇقلۇق» يىغىش، مىڭ چاقىرىمغا توك يەتكۈزۈش، تاش يېرىقلىرىدىن نېفىت ئېلىش، چۆل - باياۋاندىكى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىق، يەر ئاستىدىكى 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نامەلۇم قىيىنچىلىق ئالدىدا، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى يىرىك پىلاندىن دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش، ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكىچە بولغان جەرياندا كەينى - كەينىدىن تېخنىكا قىيىن ئۆتكەللىرىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشلار بارلىققا كەلدى.

چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىدا كۆزلىنىدىغىنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، ئىللىق، بەختلىك بولغان قايناق تۇرمۇش پۇرىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئۇچقاندەك تېز بولۇۋاتقان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە جەزمەن تېخىمۇ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.

4

بۇ قۇملۇقتىكى قالتىس رومانتىكىلىق! تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بوش قالغان رايوندا، گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا تىكىلگەن 100 مىڭ تۈپ ئەتىرگۈل باش يازدا قەرەلىدە ئېچىلدى.

ۋاقىتنى 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگە قايتۇرساق، بۇ كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىدا تارىخىي خاراكتېرلىك «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلغانلىقى جاكارلاندى.

بۇ يېشىل سەددىچىن سېپىلى قۇم - بوراننى تىزگىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈمىدىنى ئاشۇردى.

قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە ھەل قىلغۇچ جېڭىدىن سانائەتتە «يېشىل» بولۇش، «يېڭى» بولۇشقا يۈزلىنىشتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگىچە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا قەد كۆتۈرگەن چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى دەل «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىزاھاتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا «دۇنيادىكى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولۇش» قاتارلىق نۇرغۇن ئەڭ بارلىققا كەلدى، تاشيول - تۆمۈريول چوڭ تومۇرلىرى «ھالاكەت دېڭىزى»نى ئويغاتتى، تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش - پىششىقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش - پىششىقلاش بويىچە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 220 مىڭ توننا بولغان قېتىشىش نۇقتىسى تۆۋەن دىزېل مېيى قەھرىتان سوغۇقتا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشتى، ھەربىر «مۇمكىن بولماسلىق»نىڭ «مۇمكىن بولۇش»قا ئۆزگىرىشىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە تايىنىلدى.

ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلدى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى قاتار - قاتار توسمىلار تەڭداشسىز ھەيۋەتلىك ئىدى، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى قاتار - قاتار تۆمۈريول، تاشيوللار ئالدىغا قاراپ ئۇزارتىلدى، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى لىتىي كېنى، قوغۇشۇن - سىنك كېنى، ئالتۇن كېنىنى قېزىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، نۇرغۇن چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە سەپنىڭ كەينىدە قالماسلىقىغا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

يېشىللىق ئارقىلىق كەلگۈسى قوغدالدى، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى، بۇ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىللىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېشىل ئېنېرگىيە يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن روشەن يېشىل ئاساسىي رەڭ بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنياغا قۇچاق ئاچتى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى يېپيېڭى قىياپەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈچ چوڭ بۆلەك رايونى غول تارتىپ باراقسان ئۆسمەكتە، «پولات كارۋان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى مىسلىسىز سالماق بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق ئاممىغا بەخت يارىتىلدى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشتىن زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكىچە، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىن ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكىچە، ھەربىر چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قۇرۇشتا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش قىممەت مەقسىتى قىلىنىپ، تەرەققىيات ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىنىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەيۋەتلىك ئېنېرگىيە يۆتكىلىشى ئۈزلۈكسىز پۈتۈلدى؛ غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، جەنۇب - شىمال چوڭ يولى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى؛ يەرشارى بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئىشەنچى پۇختىلاندى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جاسارەت بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭنىڭ ئۈمىدكە تولغان، يېپيېڭى مەنزىرىسىنى ئاچماقتا.

ئىنتىلىشكە، تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكىدە، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىدا، بىپايان شىنجاڭدا يەنە قانچىلىغان ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولىدىغان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى قەد كۆتۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا، يەنە قانچىلىغان كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرى يارىتىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا!

2025 - يىلى، «14 - بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرماقتا، جاسارەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.